4,733

يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 177460

يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشى توغرا بولامدۇ؟، ئۇلار بايرام ئۆتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇنداقلا تەبرىكلەپ قويىدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا تەبرىكلىشىشى ۋە تىلەكلەردە بولىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايرام قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس. بۇنداق قىلىش كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بىز بۇنداق قىلىشتىن چەكلەنگەن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: كىمكى غەيرى دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى ئاشۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 4031-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شۇنداقلا ھەر يىلى تەكرارلىنىدىغان بىر كۈننى تەبرىكلەش بولسا، مەزكۇر كۈننى بايرام قىلىپ-پائالىيەت ئۆتكۈزگەننىڭ مەنىسىدە بولۇپ، ئۇ چەكلەنگەن ئىشلار تۈرىگە كېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android