سوئال: رامزاننىڭ كۈندۈزىدە قۇۋۋەت ئوكۇلى ياكى ئادەتتىكى ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا قانداق بولىدۇ؟
0 / 0
5,58701/08/2010
روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى
سوئال: 8652
جاۋاپنىڭ تىكىستى
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
رامزاننىڭ كۈندۈزىدە مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغا ئۇكۇل سالدۇرۇپ داۋالانسا بولىدۇ، لېكىن قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرسا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش كۈندۈزدە يېمەك – ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلانغاننىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، قۇۋۋەت ئوكۇلى سالدۇرۇش ھىيلە ئىشلىتىپ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئېغىز ئاچقانلىق دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا مۇسكۇلغا ۋە تومۇرغىمۇ ئوكۇلنى كىچىدە سالدۇرۇش ياخشى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10-توم 252-بەت
مەنبە:
"سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى"10-توم 252-بەت