0 / 0

قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ توي زىياپىتى بېرىدىغان كىشى بىلەن شىرىكلىشىشى ۋە توي زىياپىتىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم توغرىسىدا

قىسقىچە جاۋاپ

شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز قۇربانلىق نىيىتى بىلەن كالىنىڭ يەتتىدىن بىرىگە تۇققانلىرىڭىز بىلەن شېرىك بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز بولۇپ قالسا توغرا بولمايدۇ، باشقىلار قالغان گۆشنى ئۆزى خالىغانچە تويغا زىياپىتى ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسە بولىدۇ. دىققەت قىلىنىدىغىنى: قۇربانلىق قىلىنىدىغان كالا ئىككى ياشتىن كىچىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭدىن كىچىك بولسا، گەرچە ئۇ گۆشى كۆپ بولسىمۇ قۇربانلىقتا يارىمايدۇ. (41899)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سوئال: 255557

تۇغقانلىرىمىز قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى توي زىياپىتى بېرىش مەقسىتىدە بىر كالا ئۆلتۈرمەكچى، بىز سۈننەت بولغان قۇربانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇلارغا شېرىك بولساق، قۇربانلىقىمىز ئادا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىبولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتۋەسالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

تويزىياپىتى مېھمانلارغا ھەر قانداق يىمەكلىكنى بېرىش بىلەنھاسىل بولىدۇ،ھەتتا ئارپا بولسىمۇ بولىدۇ.

“پىقھىتوپلاملىرى”45-توم،250-بەتتە مۇنداقدېيىلگەن: ھەنەپى، مالىكى،شافىئى ۋە ھەنبەلىمەزھىپىدىكى پىقھى ئۆلىمالىرى:توي زىياپىتىنىڭ تۆۋەنئۆلچىمى يوق،ھەرقانداق يىمەكلىك بەرسە سۈننەت ھاسىل بولىدۇ، گەرچەئىككىمۇدئارپابولسىمۇ بولىدۇ،- دېگەنقاراشنىتۇتقان،چۈنكىسەھىھھەدىستە:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامبەزى ئاياللىرىنىڭ توي زىياپىتىنىئىككىمۇدئارپا بىلەن ئۆتكۈزگەن دەپ كەلگەن.

قازىئىياز رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆلىمالارنىڭ:توي زىياپىتىنىڭتۆۋەن ئۆلچىمى يوق، قايسى نەرسە بىلەن تويزىياپىتى بەرسە سۈننەت ھاسىل بولىدۇ،- دېگەن بىرلىك قارىشىنىنەقىل قىلىدۇ.

ئىمامشافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمكانىيىتىباركىشىئۈچۈنتوي زىياپىتىنىڭ ئەڭتۆۋەن ئۆلچىمىبىرقويدۇر،ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن كۈچى يەتكەننەرسىلەر بىلەن بولىدۇ، چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئابدۇرەھمانئىبنى ئەۋىپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ توي قىلغان ۋاقىتتائۇنىڭغا :بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ توي زىياپىتىبەرگىندېگەن.

نىشائىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى:ئەسكەرتىشسۆزىدىنمەقسەت:تولۇق زىياپەتنىڭئەڭ تۆۋەنئۆلچىمىبىرقويئىكەنلىكىدۇر.ئەگەرزىياپەت بەرگۈچى باي كىشىتۇرۇپمۇ،ھەر قانداق يېمەكلىكبىلەن توي زىياپىتى بەرسە بولىۋىرىدۇ، بۇ نىكاھئوقۇلغانداشىكەرۋەباشقانەرسىلەردىنھازىرلىنىدىغانيىمەكلىكۋەئىچىملىكلەرنى ئۆز ئېچىگەئالىدۇ.

ھەنبەلىئۆلىمالىرىدىنبىربۆلىكى: تويزىياپىتىنىڭبىر قويدىن ئاز بولماسلىقى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايانقىلغان.

زەركىشىرەھىمەھۇللاھ مۇنداقدېدى:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:بىر قوي بولسىمۇزىياپەت بەرگىندېگەنسۆزىدىكى، “قوي”دېگەن سۆز ئەڭ ئاز ئۆلچەمنى بىلدۈرىدۇ،يەنى:قويدەك ئاز نەرسە بىلەن بولسىمۇ،-دېگەنلىكبولىدۇ.

مىرداۋىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: يۇقارقىلاردىن توي زىياپىتىنىڭقويسىز بولسىمۇ بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ،ھەدىستىن: قويدىن چوڭراقنەرسە بىلەن زىياپەت بىرىشنىڭ ئەۋلا ئىكەنلىكىئىپادىلىنىدۇ،چۈنكىقوي تۆۋەن ئۆلچەم قىلىندى.

ئىككىنچى:

قۇربانلىققاتۆگە ياكى كالىنىڭ يەتتىدىنبىرى يېتىدۇ، بۇنى ئىلگىرى (45757) – نومۇرلۇق سوئالنىڭجاۋابىدا بايان قىلدۇق.

ئۈچىنچى:

كالاياكى تۆگىدە شېرىك بولغانلارنىڭ بەزىسى قۇربانلىقنىمەقسەت قىلماستىن،توي زىياپىتىگەئىشلىتىشياكى يېيىش ياكى سېتىش ياكى باشقا مەقسەتلەرئۈچۈن گۆشكە شېرىك بولغان بولسىمۇتوغرا بولىدۇ.

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ “ئەلمەجمۇئ”8-توم،372-بەتتە مۇنداق دېگەن: “قۇربانلىق ئۈچۈن بىرتۆگەياكىبىر كالىدا يەتتە كىشى شېرىك بولسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولسىمۇ، ياكى ئايرىم-ئايرىم كىشىلەربولسىمۇ،ياكىبەزىلەر گۆشنى مەقسەت قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ،بۇشىرىكلىكيەنە ئاللاھقا يىقىنلشىشنىئويلاپ قۇربانلىق قىلغۇچىغىمۇ بولىدۇ، قۇربانلىقى نەزىرئۈچۈن بولسىمۇ ياكى نەپلە بولسىمۇ بولىدۇ،بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپچىلىكئۆلىمالارمۇ مۇشۇنداق دېگەن”.

ئىبنىقۇدامە رەھىمەھۇللاھ “ئەل مۇغنى”13-توم،363-بەتتە:تۆگەۋەكالايەتتەكىشىگە يىتىدۇ،بۇكۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر،- دېدى. ئۇنىڭدىنكېيىن بۇنىڭغادەلىل بولىدىغان ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ: بۇ ھۆكۈمئىسپاتلىنىدىكەن، شېرىك بولغۇچىلار بىر ئائىلىدىن بولسىمۇياكى بولمىسىمۇ،پەرھىزقۇربانلىق قىلغۇچىلارياكىنەپلە قۇربانلىق قىلغۇچىلار بولسىمۇ،بەزىلەرساۋاپ مەقسەت قىلىپ،يەنە بەزىلەر گۆشنى مەقسەتقىلسىمۇبولىۋىرىدۇ،چۈنكىھەربىر كىشىگە ئۆز نېسىۋىسى كۇپايە قىلىدۇ،باشقىلارنىڭنىيىتىنىڭ قانداق بولىشى ئۇ كىشىگە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android