0 / 0
2,31805/04/2017

خرىستىئانلارنىڭ كۆزى بىلەن ئوچۇق كۆرگەن نەرسىگە ئىشىنىش ھەققى يوقمۇ؟

سوئال: 231057

ئۇزۇندىن بىرى جاۋابىنى تاپالمىغان بىر سوئال مېنى بىئارام قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى، كىرىسقا مىخلانمىغانلىقى لېكىن خرىستىئانلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغانلىقى ئوخشىتىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن تەبىئىيكى خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مىخلانغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەلكى ئۇلار شۇنداق ئېتىقادتا بولۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى، كۆز بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق تارقالغان ھېسسى خەۋەر ئارقىلىق شەكىللەنگەن، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ كۆرگەن ۋە ئېتىقاد قىلغان نەرسىسىنى توغرا ئەمەس قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ كۆز بىلەن كۆرگەن نەرسىنىڭ قارشىسىغا ئىشىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە ئىلگىرىكى خرىستىئانلار توغىرسىدىكى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىركى) ھۆكۈم بايان قىلىنمىغان، ئۇلارنىڭ مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى ۋە كىرسقا مىخلاندى دېگەن ئېتىقادىغا ئاساسەن كۇپۇرغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان، بەلكى ئۇلار مەسىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىلاھ قىلىۋالغانلىقى، ئىلاھنى ئۈچ ئىلاھ يەنى دادا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھ دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّـهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَوَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّـهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْإِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللَّـهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّـهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُوَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍلَّقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّـهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍوَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا إِلَـٰهٌ وَاحِدٌوَإِن لَّمْ يَنتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ، دېدى. ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ [سۈرە مائىدە 72-73-ئايەتلەر].

قۇرئان كەرىمدە: مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى ۋە كىرىستقا مىخلاندى دېگەنلەر كاپىر بولدى دەپ ئايەت بايان قىلىنمىغان.

بۇنىڭ سەۋەبى: ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا خائىنلىق قىلغان كىشىگە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىنى تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇ كىشىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئويلاپ ئۇنى ئۆلتۈردى، بۇ ۋاقىتتا ئەتراپتا بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى ياكى ئەگەشكۈچىلىرىمۇ بولمىغان، يىراقتا قاراپ تۇرغان بەزى ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، كىرسقا مىخلانغانلىقى كىيىن دەپنە قىلىنغانلىقى توغرسىدىكى خەۋەر ئەتراپقا تارقالغان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن تارتىپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خەۋەرگە ئىشەنگەن، چۈنكى ئۇلاردا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىدىغان ھېچ بىر دەلىل يوق ئىدى، شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان بولغاندىن كىيىن ئۆلتۈرۈلۈشتىن چەكلەنمەيتتى، يەھۇدىيلار ئىلگىرىمۇ باشقا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن.

مانا بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىشىدا خاتا قاراشتا بولغانلارنىڭ ئۆزرىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزنىڭ قارىشىڭىزغا مۇۋاپىق كېلىمىز، تەبىئىيكى، سىزنىڭ ئىپادىلىشىڭىز بويىچە ئېيتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىنىشتىن ئىلگىرىكى زاماندا ياشىغان خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىسقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنەتتى. لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىنىپ، قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن كىيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىسقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرسىدىكى خەۋەر كەسكىن دەلىل بىلەن رەت قىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىسقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشىلەر كاپىر ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ سۆزى بولمىغان، ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى كالامى بولغان، كەسكىن دەلىل، مۆجىزىلەر بىلەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.

پەيغەمبرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى، ئىلاھ ئەمەس ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس دەپ ئىشەنگەن، ئۇنىڭ توغرا تەلىماتلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەر گەرچە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىخلانغان، ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن خاتا قاراشتا بولسىمۇ، ئۇلار ئاشۇ خاتا ئېتىقادىدا ئۈزۈرلۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئاللاھ تائالانى يەككە-يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى مۆمىن ھېسابلىنىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ بەزىسى ياكى ئەھلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئېتىقادتا خاتالاشقان، ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئىشەنگەن بولسا، بۇ خاتالىق ئۇلارنىڭ ئىمانىغا ھېچ تەسىر كۆرسىتىلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇلار دوزاخقا كىرىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلاردا بار بولغان ئىنجىللاردا ئىسا ئەلەيھىسسالام مىخلاپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ زىكىر قىلىنغان. تۈگىدى. [“توغرا جاۋاپ” ناملىق ئەسەر 2-توم 302-بەت].

ئۇلارنىڭ بۇ ئۆزرىسى قۇرئان كەرىمدە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان راست خەۋەرنىڭ كېلىشى بىلەن ئۈزۈلدى. ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغان يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدىغان بىرسىنى تۇتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى شەكىلدە زوراۋانلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى، ئۇنى مىخلاشقا ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولالمىدى، كىيىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى توغرسىدىكى راست خەۋەر نازىل قىلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزرىسى ئاخىرلاشتى.

ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىقرار قىلىدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان بىرەر كىتاپ نازىل قىلمىدى، پەقەت قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن كىيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كەسكىن بېكىتتى. [“ئەل پەسلى فىل مىلەل ۋەلئەھۋا ۋەننىھەل” ناملىق ئەسەر 1-توم 57-بەت].

ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋىرىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرسىدىكى خەۋەرنى تەستىقلىغان، ئىشەنگەن، قارشى پىكىردىكىلەرگە قۇرئان-ھەدىس بويىچە دەلىل كەلتۈرگەن كىشىلەرلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە بايان قىلىنىۋاتقان سۆزگە مۇناسىپ، يەھۇدى-ناسارالارنى ئىسلامغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى-پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىش كېرەك. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا بويسۇنغان، پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن، كىتابىغا ئىشەنگەن كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە ئىشىنىشى ئاسان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّـهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَـٰكِن شُبِّهَ لَهُمْوَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِّنْهُمَا لَهُم بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّوَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا. بَل رَّفَعَهُ اللَّـهُ إِلَيْهِوَكَانَ اللَّـهُ عَزِيزًا حَكِيمًا تەرجىمىسى:يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە نىسا 157-158-ئايەتلەر].

قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ئىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ بىز سۆزلەۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرگۈزىدىغان، قارىغۇ ۋە ئاق كېسەلنى ساقايتىدىغان، بوۋاق ۋاقتىدا بۆشۈكتە سۆز قىلغان، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئادىتى ۋە تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن مۆجىزە بىلەن كۈچلاندۇرۇلغان پەيغەمبەر ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتىمىز، بۇنداق خەۋەر ھەرگىز يالغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى، قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ پەيغەمبەر ئۈچۈن ئاخىر زاماندا ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا كېچىكتۈرۈلگەن مۇھىم ئىشلار باردۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان خرىستىئانلار بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارغاندا دەسلەپتىلا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرسقا مىخلانغانلىقى توغرىسىدىكى تېمىدا توختالمىسۇن، مۇنازىرە قىلىپ باقسۇن، ئۇ بۇ تېمىغا كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ ئۇنىڭغا قاراش كېرەك، ئۇلار بىلەن تارىخى تەرەپتىن سۆھبەت ئىلىپ بېرىش كېرەك، دىنى جەھەتتىن سۆھبەت ئىلىپ بارغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەگىشىشكە ئەڭ ھەقلىق، ئىلگىرىكى بارلىق دىنلارنى ئەمەل قالدۇرىدىغان دىن ئىكەنلىكىگە دەلىل تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرسقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىش بەك مۇھىم ۋە پايدىلىق مەسىلە ئەمەس، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك. ئىماندا مۇھىم بولغان بۇ ئىككى ئاساسنى رەت قىلغان كىشى باشقا مەسىلىلەرنى ئەلۋەتتە ئىنكار قىلىدۇ ۋە يالغانغا چىقىرىدۇ. ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىشەنگەن كىشى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرسقا مىخلانغانلىق توغرىسىدىكى قۇرئان كەرىم ئەقىدىسىگە ئىشىنىشكە ھېرىسمەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ كالامىغا ئىشەنگەن ۋاقىتتا بۇ مۇسۇلمان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىسقا مىخلانغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى تەتقىقاتلارغا قايتا نەزەر سىلپ، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى مىخلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشنى كەسكىن رەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، سوئالدا زىكىر قىلىنغاندەك، ئەمەلىي كۆرگەنلىك توغرىسىدىكى سۆز تەكشۈرۈلۈپ، ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارا بولىدۇ، ھېچ بىر كىشى “ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرىسقا مىخلانغانلىقىنى ئەمەلىي كۆرگەنلىك” توغرىسىدا تەكىتلەنگەن تارىخى دەلىلگە ئىگە بولالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋەقەنى كۆز كۆرە ئىسپاتلايدىغان گۇۋاچىغىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. قۇرئان كەرىم كىرىسقا مىخلانغان كىشىنىڭ سۇيىقەستچىلەرگە، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش كۆرۈنگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسائەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن ياكى دۈشمەنلىرى بولسۇن ھېچ بىرى مىخلانغان كىشىنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىك توغرىسىدا ئىسپات يوق، ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنىۋاتقان ئىنجىللاردا مىخلانغان كىشىنى پەقەت بىرقانچە ئايالنىڭ يىراقتىن كۆرگەنلىكىدىن باشقا مەلۇماتنى زىكىر قىلمايدۇ، ئۇ ئاياللارغا مىخلانغان كىشىنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامدەك كۆرۈنگەنلىكى يىراق سانالمايدۇ، يىراقتىن كۆرۈپ گۇۋاھلىق بېرىش بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ.

ئىمام سەرخەسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “يەھۇدىي-نەسارالارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ كىرىسقا مىخلانغانلىقىنى نەقىل قىلىپ كەلتۈرگەن دەلىللىرى خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەسىلىدە مۇتەۋاتىر دەرىجىدە دەلىل نەقىل قىلىنمىغان”.

خرىستىئانلار بۇ خەۋەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆيدە بىرگە بولغان تۆت كىشىدىن نەقىل قىلغان، چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى يەھۇدىيلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقىتتا ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ يوشۇرۇنۇۋالغان.

يەھۇدىيلار بۇ خەۋەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆيگە كىرگەن يەتتە نەپەر كىشىدىن نەقىل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يالغاننى توقۇغانلىقى بېكىتىلگەن، ئۇلارنىڭ رىۋايىتىدە ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى تونۇمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يەھۇزا ئىسىملىك بىرسى باشلاپ كىرگەن، يەھۇزا بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان، بۇنداق خەۋەرلەر ھەرگىزمۇ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ.

ئەگەر كىرىسقا مىخلانغانلىقنى كۆرگەنلىككە ئادەتتە يالغاننى توقۇشقا بىرلىشەلمىگىدەك كىشىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، كىرىسقا مىخلانغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسى ئىسپاتلىنامدۇ؟ دېيىلسە، بىز ياق ئۇنداق بولمايدۇ دەيمىز، كىرىسقا مىخلاش ئىشىنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر خەۋەر قىلدى، باشقا ئىنسانلار ئۇلارنىڭ پالانى كىرىستقا مىخلىنىپتۇ دېگەن خەۋىرىگە تاياندى، ئۇلار كىرىسقا يىراقتىن قارايدۇ، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئويلانمايدۇ، كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى مىخلانغان كىشى توغرىسىدا پىكىر قىلىشنى خالىمايدۇ.

ئىككىنچى: ئۇلاردىن بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر مۇتەۋاتىر دەرىجىدە نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار كىرىسقا مىخلانغان كىشىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ بىلگەن، ئۇلارنىڭ نەقىل قىلغان مۇنۇ خەۋىرى ئىشەنچىلىك ئىلىمنى لازىم تۇتىدىغان نەقىلدۇر. لېكىن مىخلانغان كىشى ئىسا ئەلەيھىسسالام بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە بايان قىلغاندەك ﴿وَلَـٰكِن شُبِّهَ لَهُمْ﴾ تەرجىمىسى: لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى) بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان خەۋەردە: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن بىللە بولغان كىشىلەرگە: قايسىڭلار ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ ئوخشىشىمنى ئۇنىڭغا تاشلىشىنى خالايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۆلتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنىڭ ئۈچۈن جەننەت بېرىلىدۇ، دېدى، ئۇلاردىن بىرى: مەن خالايمەن دېدى، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوخشىشىنى ئۇ كىشىگە تاشلىدى، ئۇلار ئۇ كىشىنى ئۆلتۈردى، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا كۆتۈردى.” [“ئۇسۇل سەرخەسى” ناملىق ئەسەر 1- توم 285- 286- بەتلەر].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىلگىركى خرىستىئانلار ئىسائەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈلدى ۋە كىرىستقا ئېسىلدى دېگەن ئېتىقادىدا ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەرئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان مۆجىزاتلار ۋە كەسكىن دەلىللەر تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ئىسلام تەلىماتىنى ئاڭلىغان، قۇرئان كىرىم مۆجىزاتلىرى يىتىپ كەلگەن، كەسكەن دەلىللەر تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن خەۋەرنىڭ قارشىسىنى ئېتىقاد قىلغان كىشىنىڭ ئۈزۈرسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بۇ تېما ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر. بۇنىڭدىن تەپسىلىراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 224199225709– نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android