
يېڭى جاۋابلار
شەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
رەجئى تالاق قىلىنغان ۋە ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال نېمىلەردىن ساقلىنىشى كېرەك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
ناماز ئادا قىلىش ياخشى بولمايدىغان ۋاقىتلاردا نەپلە ئىبادەتلەردىن قايسىسىنى قىلسا توغرا بولىدۇ؟
قىيامەتنىڭ چوڭ-كېچىك ئالامەتلىرى توغرىسىدا
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە قىيامەتتىن بۇرۇن يۈز بېرىدىغان شەرتلىرىنى ئۆلىمالار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان، قىيامەتنىڭ كېچىك ئالامەتلىرىدىن: 1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى. 2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى. 3-بەيتىل مۇقەددەسنىڭ پەتىھ قىلىنىشى. 4-پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن "ئەمۋاس" ناملىق ۋابا كېسىلى. 5-مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقىدىن بىھاجەت بولىشى. 6-پىتنىنىڭ يامرىشى. 7-پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى يالغانچىلارنىڭ مەيدانغا چېقىشى. 8-ھىجاز زېمىنىدا ئوتنىڭ كۆرۈلۈشى. 9-ئامانەتنىڭ زايە بولىشى. 10-ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەبزى روھ قىلىنىشى ۋە نادانلىقنىڭ يامرىشى. 11-زىنا-پاھىشەنىڭ كەڭ تارىشى. 12-جازانىنىڭ ئومۇملىشىشى. 13-ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاشكارا بولىشى. 14-ھاراقكەشلىكنىڭ كۆپ بولىشى. 15-پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سىلپ پەخىرلىنىشى قاتارلىقلار. قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى ئون تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار: 1-دەججالنىڭ چېقىشى. 2-ئىسا ئىبنى مەريەمنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى. 3-يەجۈجە ۋە مەجۈجەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى. 4-ئۈچ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: كۈن چېقىش تەرەپتە، كۈن پېتىش تەرەپتە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۈن تۇتۇلۇش. 5- ئالەمنى تۈتەك قاپلىشى. 6-كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى. 7- چوڭ ھايۋاننىڭ مەيدانغا چىقىشى. 8-ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئوت.ئىنسانغا ئىقتىسادى مۇئامىلە ۋە سودىغا ئالاقىدار پىقھى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولامدۇ؟
كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ تاھارىتى ۋە نامىزى توغرىسىدا
ئالىملار دائىم سۈيدۈك تېمىپ، يەل چىقىپ، بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان كىشىنى ھۆكۈمدە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ھۆكمىگە قېتىۋەتكەن، نىجاسەت تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر نەرسە بىلەن پاكىزلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ھەر نامازنىڭ ۋاقتى ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، ئۇ تاھارىتى بىلەن پەرزدىن ۋە نەپلىلەرنى خالىغاننى ئادا قىلىدۇ، پەرزەن: دائىم سۈيدۈك تامىدىغان كىشىدىن تاھارەت ئالغاندىن كېيىن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگۈچە سۈيدۈك تاممىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە قايتىدىن تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە ئالغان تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئۇ كىشىگە ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى جۇغلاپ بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا
نامازدا سەۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇ: زىيادە قىلىش، كام قىلىش ۋە شەك قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرەرسى تەرك قىلىنسا، سەۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن بۇرۇن قىلىنىدۇ. ياكى نامازنىڭ رەكەتلىرىنىڭ سانىدا شەكلىنىپ قالسا، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلانمىسا شۇنىڭ بىلەن نامازدا زىيادىلىك بولسا، سەۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن قىلىنىدۇ، ياكى شەكلىنىپ، ئۇنىڭ قارىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلانغان بولسا يەنە سالامدىن كېيىن قىلىدۇ.قەسەمگە ياكى نەزىرگە ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى قېتىش توغرىسىدا
شەرئى ۋەسىيەتنىڭ قانداق يىزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
زاكات بىلەن پىتىر سەدىقىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا