ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ئېرى ۋاپات بولۇپ ياكى كەسكىن تالاق قىلىنىپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كۈندۈزدە چېقىپ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى يوقلاپ، كېچىدە قايتىپ ئۆز ئۆيىدە قونۇشى توغرا بولىدۇ. بۇنىڭدىكى قائىدە: ئەگەر ھاجەت بولسا ئۇ ئايال كۈندۈزدە چىقسا توغرا بولىدۇ، كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش بولسا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەرئى ھاجەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئانىسى بىلەن سۆھبەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش بار، لېكىن رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال بولسا، ئۇ ئايالنىڭ سىرتقا چېقىشى يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال بولسا، تالاق قىلغۇچىنىڭ ئايالىدۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىدى. كۆپراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تەپسىلى جاۋابقا قارالسۇن.
701