پالچى، رەممال ۋە مۇنەججىملەرنىڭ ماقالە-كىتابلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سوراش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سورىغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. بۇ ھەدىستىكى ئىشەنمەستىن پەقەت سورىغان كىشى توغرىسىدا، ئەمما سوراپ ئىشەنگەن كىشىنىڭ جازاسى بۇنىڭدىن ئېغىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالى ھەيزدار ۋاقتىدا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى ئايالنىڭ دۇبۇرىغا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى رەممال-پالچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دىنىغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ». رەممال-پالچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش ھارام بولىدۇ، بۇ ئۇلاردىن ئىلىم سورىغانغا يېقىن ئىشتۇر، ئەگەر قەستەن ئوقۇغان بولسىڭىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سوراپ بۇنداق ئىشنى مەڭگۈ تەكرارلىماڭ.