0 / 0

ئەر پىسخىكا كېسىلى سەۋەبلىك ئايالىغا كۆپ ئازار بېرىدۇ، ئايال ئۇ ئەرگە قانداق مۇئامىلە بولىشى كېرەك؟

سوئال: 98829

بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سورايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى پىسخىكا كېسىلى، ئەقلىدىن ئاداشقان، ئائىلە ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، دائىم ئايالىنى قىلمىغان ئىشلار بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ئۇ ئون بالىنىڭ دادىسى، ئايال يولدىشىنىڭ ياردىمىسىز ئوغۇللارنى ئۆيلەپ، قىزلارنى ياتلىق قىلدى، ئايال بۇ ئىشلاردىن كۆپ چارچىدى، يولدىشى بىلەن بۇ توغرىدا پاراڭلىشىشقا تاقىتى يوق، سىلەردىن بۇ ئىش توغرىسىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن يولدىشىڭىزغاتىز ئارىدا شىپالىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز، شۇنىڭ بىلەنبىرگە سىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ،سەۋىرچان بولۇپ يولدىشىڭىزغا ياخشىقارىغانلىقىڭىزغا رەببىمىز ئەجرىڭىزنىھەسسىلەپ بەرسۇن. سىلەرنى ئاللاھ تائالا بۇمۇسىبەتگە گىرىپتار قىپتۇ، بۇ ئىشقا ئاللاھتائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا بۇنىڭغا سەبىرقىلساڭلار،شۈبھىسىزكىبۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىسىلەر.

سۇھەيبرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپمۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: مەنمۆمىننىڭ ئىشلىرىغا قاراپ ئەجەبلىنىمەن،ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىدۇر، لېكىنمۆمىندىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس، پەقەتمۆمىنلا شۇنداق، ئەگەر ئۇنىڭغاخۇرسەنلىك يەتسە ئۇنىڭغا شۈكۈرقىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر،ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر مۇسىبەتيەتسە سەبىر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭئۈچۈن ياخشىدۇر. [مۇسلىمرىۋايىتى2999-ھەدىس].

ئەبۇسەئىد ئەلخۇدەرى ۋە ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: مۇسۇلمانغائېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ھەسرەتھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەتيېتىپ قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەنئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى5318-ھەدىس. مۇسلىمرىۋايىتى2573-ھەدىس].

ئىككىنچى:يولدىشىڭىزنىڭ كېسەللىكىتۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈكئىشلاردىن خالى بولمايدۇ:

1- ئېرىڭىز قىلىۋاتقانگەپ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپتەسەررۇپ قىلىۋاتقان بولسا، بارلىقئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىنىڭ ھېسابىئىلىنىدۇ. شۇنداقلا سىزنى تىللىشى ۋەپەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىدىن ئۆزىنىقاچۇرۇشى توغرا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالائۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن بارلىقبۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى تولۇق ئاداقىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مانا بۇ ھالەتتە سىزنىڭئاياللىق مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىززۆرۈر بولۇپ، بۇنىڭغا سەل قارىشىڭىزدۇرۇس ئەمەس.

2- ئېرىڭىز كېسەللىكسەۋەبىدىن قىلىۋاتقان گەپ سۆز ۋەئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلمەي تەسەررۇپقىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ كېسەللىكىسەۋەبىدىن بارلىق مەسئۇلىيەتئۇنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇقىلغان-ئەتكەنلىرىگە جازالانمايدۇ، ئەمماباشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار بولغان قىلمىشلىرىئۈچۈن، يولدىشىڭىزنىڭ مال-مۈلكىدىن ئىلىپئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىسىز ياكى ئۇنىڭئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئىلىپ ئادا قىلىسىز. (خۇددىباشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا ياكى باشقىلارنىڭماشىنا قاتارلىق خۇسۇسىي نەرسىلىرىنى بۇزۇپ قويغانبولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەت ياكى بۇزغاننەرسىنى تۆلىگەنگە ئوخشاش).

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغانھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ئۈچتۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەمكۆتۈرۈلگەن: ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە،كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭئەقلىگە كەلگۈچە.[ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى 4398-ھەدىس.نەسائىي رىۋايىتى 3432-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2041-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرتوپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىمام ئىبنىھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”بالاغەتكە يەتمىگەن ياكى يەتكەنبولسىمۇ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس، ياخشى-ياماننىئايرىيالمايدىغان بۇنداقلارغا ئەمەل-ئىبادەتبېكىتىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگەئالاقىدار ئىشلارمۇ ئىجرا قىلىنمايدۇ، چۈنكى يۇقىرىدابايان قىلىنغان ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۈچتۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەمكۆتۈرۈلگەن: ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە،كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭئەقلىگە كەلگۈچەدېگەن.[ئەلمۇھەللا 7-توم-200 -بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئەقىلنىڭ ئەكسى ئەقىلسىزلىقبولۇپ، يەنىبۇئۇ ئەر بولسۇن ياكى ئايالبولسۇن ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئەقلىنىيوقاتقان، ياخشى-يامان نەرسىلەرنى ئايرىيالمايدىغانكىشىلەرنىمۇئۆزئىچىگەئالىدۇ. ئۇلاردا ئەقىل بولمىغاندىن كىيىنئۇلارغا ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەر پەرزبولمايدۇ”. [پەتىۋالار توپلىمى (12/بىرىنچى سۇئال].

ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىمئەھلىلىرىنىڭبۇھەقتىكى سۆزلىرىنى 73412– نومۇرلۇق سوئالنىڭجاۋابىدىكى سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سىزنىزىنا-پاھىشە قىلدى دېگەندەك تۆھمەتمەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ئەقىلدىنئادىشىش بولغانلىقتىن ئۇنى بۆھتان قىلدى دەپ ئەيىبلىگىلىبولمايدۇ، ھەم لەنەت ئېيتىشقىمۇبولمايدۇ. پىقھى توپلاملىرى11-توم 33-بەتتە مۇنداق بايانقىلىنغان: “پىقھى ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەنبۆھتان قىلغۇچى: ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن،ھۆر بولسۇن ياكى قۇل بولسۇن، مۇسۇلمانبولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئۇ بالاغەتكەيەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا ۋە ئۆز ئىختىيارىبىلەن باشقىلارغا بۆھتان قىلغان بولىشى شەرتقىلىنىدۇ”.

سۆزىمىزنىڭخۇلاسىسى: يولدىشىڭىزدىن سىزگە يەتكەن ئازاركۈلپەتلەر ئۇنىڭ كېسەللىكۋە ئەقلىدىن ئېزىپ قىلىش سەۋەبىدىنبولغان بولسا، بۇنىڭغا سەبىر قىلىڭ ياكى ئىشىڭىزنىسوت مەھكىمىسىگە (بۇ يەردە كۆزدەتۇتۇلغىنى شەرئىي مەھكىمە)سۇنۇڭ،قازى سىزنىڭ مەسىلىڭىزگە قاراپ چىقىپ، سىزنىيولدىشىڭىز بىلەن بىرگە ياشاشقا ياكى ئاراڭلاردىكى نىكاھئەھدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ سىلەرنىئايرىۋېتىشكە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئەممائۇ سىزگە قىلىۋاتقان ئەزىيەتلىرىنى بىلىپتۇرۇپ سادىر قىلىۋاتقان بولسا، سىز ئۇنىڭدىنيەتكەن ئازار كۈلپەتلەرگە سەبىرقىلىشىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى يەنى تالاق قىلىشنىتەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغائۇنىمىسا، شەرئىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرزقىلسىڭىز ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىپقويىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android