4,670

پاكلىق كۈنلىرىدە قان تامچىسىنى كۆرسە روزا تۇتامدۇ؟

سوئال: 93793

ھاجەت ئادا قىلغىلى ھاجەتخانىغا كىرگەندە قان تامچىسىنى كۆردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دەيدىغان شەك پەيدا بولدى، مەن نامازنى ئوقۇپ، روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسپاتلىنىشچە بىر تامچە قان كېلىش بىلەن ھەيزدار ھېسابلانمايدۇ، بۇنداق ھالەت ناماز، روزىدىن چەكلەپ قويمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بىركىشى: ئايال كىشىدىن رامىزاندا تامچە قان كەلسە بۇ ئىش رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملاشسا، ئۇ ئايال روزا تۇتىۋىرەمدۇ، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تامچىلىغىنى ھەيز بولماستىن بەلكى تومۇردىن كەلگەن قاندۇر. [مۇسۇلمان ئاياللار پەتىۋاسى 1-توم 137- بەت].

شەيخ يەنە مۇنداق دېگەن: ئىسلامنىڭ ئومۇمى پرىنسىپىدا: ئايال كىشى ھەيزدىن ۋە نىپاستىن پاك بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلسا، يەنى ھەيز-نىپاس ئاخىرلىشىپ ئاق نەرسە كەلسە بۇنى ئاياللار ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دۇغ ياكى ساغۇچ رەڭ ياكى قان تامچىسى ياكى نەملىك قاتارلىق نەرسىلەر كەلسە، بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ ھەم ناماز-روزىدىن، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىنچەكلەپ قويمايدۇ. ھەيز توغرىسىدىكى 60 سۇئال" ناملىق ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

[تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android