چىشنى دا?الىتىش ?? زاماسكا قىلد?ر?ش روزىغا ت?سىر ي?تك?زم?يد?

4,707

سوئال 82308

م?ن چىشلىرىمنى دا?الىتى?اتقان بول?پ، ھ?ر ئ?چ ھ?پتىد? بىر ق?تىم چىش دوخت?رىنى? ي?نىغا ب?رىپ چىشلىرىمنى ت?كش?رت?پ ت?رىم?ن، دوخت?ر ت?كش?ر?ش ئارىسىدا ئاغزىمغا ب?زى ئ?س?اپ ?? دورىلارنى قويىد?، ب? روزىنى س?ند?رامد?؟ ب? ھ?قت? چ?ش?نچ? ب?رىشى?لارنى سورايم?ن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئېغىزىڭىزغا قويغان دورىدىن بىرەر نەرسىنى قەستەن يۇتۇپ سالمىسىڭىزلا، ئۇ روزىنى بۇزمايدۇ. مۇمكىن بولسا چىش دوختۇرىڭىزنى كېچە ۋاقتىغا كېچىكتۈرسىڭىز، روزىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.

شەيخ ئىبنى باز بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ، دوختۇرغا كۆرۈنسە، چىشىنى تازىلاتسا ياكى چىشىنى زاماسكا قىلدۇرسا، چىشلىرىدىن بىرەرنى تارتىۋەتكۇزسە شۇنىڭدەك دوختۇر ئۇ كىشىنىڭ ئاغرىق دەردى چەكمەسلىكى ئۈچۈنچىشىغا مەس قىلىدىغان ئۇكۇل ئۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سوئالدا زىكىر قېلىنغان يۇقىرىقى ئىشلار روزىغا ھېچ قانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئەپۇ قىلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەمما چىشنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان دورا ياكى باشقا ماددىلارنى يۇتۇپ سېلىشتىن ساقلىنىش لازىم، شۇنىڭدەك ئوكۇلنىڭمۇ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ غىزا ئورنىدىكى نەرسىلەردىن ھېسابلانمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا روزا سەھىھ ۋە ساغلام بولىدۇ".

مەرجەلەر

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دۇرۇس بولغان ئىشلار

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play