7,266

چوڭ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 624

مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كېرىپ دىنىمىزدا چەكلەنگەن گۇناھنى ئىشلەپ سالدىم بۇ ھالەتتە قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. مەن ھازىر، ئىشلىگەن قەبىھ قىلمىشىمغا تەۋبە قىلىشنى خالايمەن. قۇرئان كەرىمدىكى نۇر سۈرىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەندە ئىپپەتلىك، نومۇسىنى ساقلىغان مۇسۇلمان قىز بىلەن نىكاھلىنالمايدىكەنمەن دېگەن چۈشەنچە پەيدا بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مېنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، جانابى ئاللاھنىڭ مىنى دوزاخ ئوتىدا ئازابلىشىنى يەڭگىللىتىشى ئۈچۈن دۇئادا بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارچە ھەمدۇ-سانا ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر.
1- جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. قۇرئان كەرىم سۈرە زۇمەر 53-ئايىتىنى ئوقۇڭ ۋە تەپەككۇر قىلىڭ. جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
2- سىز تەۋبىڭىزنى خالىس نىيەت بىلەن جانابى ئاللاھقا يۈزلىنىپ تەۋبە قىلىڭ. سىزنى ھارام ئىشلارغا ئىلىپ بارىدىغان ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن يىراق بولۇڭ، ياخشى ئەمەل گۇناھلارنى يۇيۇپ تاشلايدۇ.
3- ئەگەر سىز، ئىشلىگەن گۇناھلىرىڭىزغا چىن دىلىڭىزدىن تەۋبە قىلغان بولسىڭىز، سىزدىن زىناخور دېگەن نام ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە پاك، ئىپپەتلىك مۇسۇلمان قىز بىلەن نىكاھلىنالايسىز.
4- مۆمىننىڭ ھىممەت ئۈمىدى ئۈستۈن بولۇشى كېرەك ئۇ پەقەت جانابى ئاللاھتىن دوزاخنىڭ ئازابىنى يەڭگىلىتىشنى تەلەپ قىلماستىن بەلكى دوزاخ ئوتىدىن ئازات قىلىشىنى سورىشى لازىم.
مۇسۇلمان ياخشى سالىھ ئەمەللەرنى قىلش ئارقىلىق ئۆزىدىن سادىر بولغان گۇناھلارغا تەۋبە ئىستىغپار ئېيتىپ، جانابى ئاللاھتىن جەننەتكە بولۇپمۇ "پىردەۋسۇل ئەئلا"غا كېرىشىگە مۇيەسسەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android