0 / 0

تىز ئاچچىقلىنىپ باشقىلارنى تىللايدىغان ۋە ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن كىشىگە بەددۇئا قىلىدىغان ئايال توغرىسىدا

سوئال: 5733

مېنىڭ ئاچچىقىم تىز كېلىدۇ ھەتتا ئاچچىقتا ئىچىمدە، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان كىشىگە بىر نەرسىلەرنى دەۋېرىمەن. تىنچلانغان ۋاقتىمدا، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراپ ئىستىغپار ئېيتىپ ئىككىنچى بۇنداق قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىمەن. دىنىمىزدا باشقىلارنى تىللاشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىمەن، بۇ ئىشىمنى ئۆزۈممۇ ياقتۇرمايمەن، ئۆز نەپسىمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا باشقىلارنى تىللاپ سالغان كىشىنىڭ قانداق تەۋبە قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈم كېلىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى مېنىڭ تىللىغىنىمنى ئاڭلىمىسىمۇ، مەن ئۇ ئىشىمغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇ كىشىگە مېنىڭ ئۇنى تىللىغانلىقىمنى دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئارىمىزدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆز ئىچىمدە ساقلاپ قالساممۇ بولامدۇ؟ بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن سەدىقە قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟ بۇ ئەيىپىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ قىلمىشىمدىن قەتئىي قول ئۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن، لېكىن مەن ھازىر ئىلگىرى ئاچچىقلانغاندا تىللىغان بىر كىشى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن. مېنىڭ ئاچچىقلانغاندا ئۇنىڭغا قىلغان بەددۇئايىمنى ئاللاھ تائالا ئىجابەت قىلامدۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مەن قاتتىق بىئارام بولىمەن، نامازغا تۇرغان ۋاقتىمدا ھەسرەتلىنىمەن، مەن تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەۋبىسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشنى خالايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم!ئاچچىغىڭىزنى يۇتۇپ ئۆزىڭىزنىبېسىۋېلىڭ. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن: الَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِوَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّـهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَتەرجىمىسى:تەقۋادارلاركەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل -مال سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىرتۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار،يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغانكىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىدوست تۇتىدۇ. [سۈرە ئال-ئىمران 134-ئايەت].

ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن: وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَوَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَتەرجىمىسى: مۆمىنلەر گۇناھى كەبرىلەردىن،قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلاردۇر، دەرغەزەپبولغانلىرىدا باشقىلارنى كەچۈرەلەيدىغانكىشىلەردۇر. [سۈرە شۇرا37-ئايەت].

ئاچچىقلىنىشھەممە يامانلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئىنسان ئاچچىقىنىبىسىۋالمىغاندا، باشقىلارنى تىللايدۇ، لەنەتقىلىدۇ، دەشنام قىلىدۇ، ئۇرىدۇ، شۇنىڭئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامكۆپ ۋاقىتتا ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا تەۋسىيەقىلاتتى. ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا6116-ھەدىس ئەبۇ ھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغانھەدىستە، بىر كىشىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر قانچەقېتىم ئۆزىگە كۆرسەتمە بېرىشنىتەلەپ قىلغاندا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىگەبىرقانچە قېتىم ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا كۆرسەتمەبەرگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىنىئىنسانلاردىن ئەڭ كۈچلۈك ئادەم دەپسۈپەتلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: چىلىشىپ باشقىلارنى يىقىتقان كىشىكۈچلۈك ئەمەس، ھەقىقى كۈچلۈك كىشى،ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالالىغانكىشىدۇر. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 6114-ھەدىس. مۇسلىمرىۋايىتى 4723-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەررەھىمەھۇللاھ پەتھۇلبارى ناملىق ئەسىرى10-توم 520-بەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاچچىقلانما دېگەنھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇھىم سۆز قىلىپمۇنداق دەيدۇ: “ئىمام تەبرانى سۇپيان ئىبنىئابدۇللاھ ئەسسەقەپىدىن كەلتۈرگەنھەدىستە، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!ماڭا ئىخچام ۋە مەنپەئەتلىك بولغان بىرسۆزنى دەپ بەرسىلە دېسەم؟،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاچچىقلانما، ساڭاجەننەت بار دېدى. يەنەئەبۇددەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!مېنى جەننەتكە ئىلىپ كېرىدىغان بىر ئىشنى دەپبەرسىلە؟ دېۋىدىم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاچچىقلانما دېدى.

ئىمامخەتتابى رەھىمەھۇللاھ: ئاچچىقلانما دېگەنسۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:”ئاچچىقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ۋەئاچچىقىڭنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولغىن، ئەممائاچچىقلىنىش دېگەن ئىنسان تەبىئىتىدە بولىدۇ،بۇنىڭدىن چەكلەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغاسەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشكېرەك. خەتتابىيدىن باشقا ئالىملار مۇنداقدەيدۇ:” بۇنىڭ مەنىسى، ئاچچىقىڭ سىنىبۇيرىغان ئىشلارنى قىلمىغىن”. ئىبنى بەتتال ھەدىسنىچۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:”نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشدۈشمەنگە قارشى كۆرەش قىلىشتىنمۇ قېيىنبولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغانئادەمنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىدېدى”. باشقا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ:”بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنسۇئال سورىغان كىشى تىز ئاچچىقلىنىدىغان كىشى بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭئۈچۈن ئۇ كىشى ھەر قېتىمكۆرسەتمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا،ئۇنىڭغا: ئاچچىقلانما دېدى. كۆرسەتمىدەپەقەت ئاچچىقلانماسلىقنىتەۋسىيە قىلدى.

ئىبنى تىينرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:ئاچچىقلانما دېگەن سۆزىدە، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭياخشىلىقى مۇجەسسەملەشكەن، چۈنكى ئاچچىقدېگەن، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشۋە ھەمراھلاردىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ، بەزىدە ئاچچىغىنى كەلتۈرگەنكىشىگە ھەقسىز ئازار يەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭدىنىنى كېمەيتىۋېتىدۇ”.

بەزىئالىملار مۇنداق دەيدۇ: “ئاللاھ تائالا ئاچچىقنى ئوتتىنياراتتى، ئۇنى ئىنسان تەبىئىتىدىن قىلدى، ھەر قاچانئاچچىغلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار يۈزبەرسە، ئىنسان جىسىمدىكىغەزەپ ئوتى لاۋۇلداپ، قان قىزىپ، ئىنساننىڭيۈزى ۋە كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ، چۈنكىتېرە، ئاستىدىكى نەرسىلەرنى نامايەندە قىلىپبېرىدۇ، ئاچچىقلانغان ۋاقتىدا ئىنساننىڭ تېرىسى،مىجەزى ئۆزگەرگەندەك ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقىدۇنياسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ، ئىشلىرى ئەسلىيۆلىنىشتىن چىقىپ كېتىدۇ، چىراي-شەكلىئۆزگىرىدۇ، ئاچچىغلانغۇچى ئۆزىنىڭغەزەپلەنگەن ھالىتىنى كۆرىدىغان بولسا ئېدى،ئۆزىنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىدىكى چىراي-شەكلىدىن خىجىلبولۇپ ئاچچىقى يېنىپ كەتكەن بولاتتى. مانا بۇغەزەبلىنىشنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى.

ئەممائاچچىغلانغۇچى كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ناچارلىشىپ كېتىدۇ،چۈنكى ئاچچىق قەلىبدە ئۆچمەنلىك، ھەسەدۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى يامانلىقلارنىيوشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە ئىچكىدۇنياسىدائۆزگۈرۈش ھاسىل بولىدۇ، سىرتقىشەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىچكى دۇنياسىدىكىئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇشۇنىڭھەممىسى ئاچچىقنىڭ بەدەنگەكۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەممائۇنىڭ تىلغا بولغان تەسىرى بولسا، ئاغزىنى بۇزۇپباشقىلارنى تىللاش، ئەقىللىق ئادەم تىلغا ئىلىشتىن خىجىل بولىدىغانناچار گەپ-سۆزلەرنى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتبولۇپ، ئاچچىقى يانغاندا ئۆزىنىڭ قىلغان سۆزلىرىگەپۇشايمان قىلىدۇ. ئاچچىقنىڭ تەسىرى قىلغانئىش-ھەرىكەتلىرىدىمۇ نامايەندە بولىدۇ،باشقىلارنى دۈشكىلەيدۇ، ئۇرىدۇ ھەتتائۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەگەر ئاچچىقىنىكەلتۈرگەن ئادەم قېچىپ كەتسە،ئاچچىقىدا ئۆزىنى كاچاتلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ بەزى ھوشىدىنكېتىپ يىقىلىدۇ. نەرسە-كېرەكلەرنىسۇندۇرۇپ، ئالاقىسى بولمىغان كىشىنىمۇ ئۇرۇپقويىدۇ.

يۇقىرىدابايان قىلىنغان ئاچچىقلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتنىئويلانغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:ئاچچىقلانما دېگەن سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغانئىنچىكە ھېكمەت ۋەپايدا-مەنپەئەتنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك، يامانلىقنىدەپئى قىلىشتا ئوينايدىغان رولىنى ھېسابلاپ تۈگىتىپ بولغىلىبولمايدۇ. مۇشۇنىڭ ھەممىسى دىنىمەسىلىدە ئەمەسپەقەت دۇنيالىق ئىشتىكى ئاچچىقلىنىشتۇر. (مۇنكىرئىشلارنى كۆرگەندە ئاللاھ تائالا ئۈچۈنغەزەبلىنىش بولسا، تەلەپ قىلىنىدىغان ۋەمەدھىيىلىنىدىغان ئىشلاردىندۇر). ئاللاھ تائالانىڭ ئاچچىقىنىيۇتقان كىشىلەرگە بېرىدىغان مۇكاپىتىنى،ئاچچىقلانغانلىقنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئۇنىڭجازاسىنى ئەسلەش، ئىنساننىڭ ئاچچىقىنى يۇتىشىغاياردەمچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەيتاننىڭشەررىدىن پاناھ تىلەش ۋە تاھارەت ئىلىشئارقىلىقمۇ ئاچچىقىنى بىسىۋالالايدۇ. توغرىنى بىلگۈچىئاللاھ تائالادۇر.

سوئالسورىغۇچى ھەمشىرەم! شۇنى بىلىشىڭىزكېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامباشقىلارنى تىللىمايتتى، دەشنام قىلمايتتى، لەنەتئېيتمايتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارنى تىللىمايتتى،دەشنام قىلمايتتى، لەنەت قىلمايتتى، ناچار سۆز قىلمايتتى،ئارىمىزدىن بىرەر كىشىنى ئەيىبلىمەكچى بولسا: ئىككى يىنىڭتوپا بولمىسۇن دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى6031-ھەدىس].

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم!باشقىلارنى تىللاپ دەشنام قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھتائالاغا تەۋبە قىلىڭ، كىيىنكىكۆڭۈلسىزلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىللىغانۋە دەشنام قىلغان كىشىلەرگەخەۋەر قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئومۇمىشەكىلدە كەچۈرۈۋېتىشنىتەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، ھەققىدەبەددۇئا قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپدۇئا قىلىڭ، چۈنكى سىز زۇلۇم قىلىپ بەددۇئاقىلغان كىشىلەرگە قىلغان دۇئايىڭىزيەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۆزىڭىزگەمۇلايىملىق، كەڭ قورساقلىق تىلەڭ، بەزىۋاقىتتا ئىنساننىڭ باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ھەقسىزدۇئاسى ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ، سىز قەلبىڭىزنىراھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىلىڭىزنى دائىمئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىش ۋە دۇئا بىلەنھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ. بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: أَلَا بِذِكْرِ اللَّـهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُتەرجىمىسى:بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىشبىلەن ئارام تاپىدۇ.[سۈرەرەئد 28- ئايەت].

يەنىئاللاھنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق تىلىڭىزنى باشقىلارغا ئازاريەتكۈزۈشتىن ساقلاپ قىلىڭ. ئاللاھ تائالاھەممەيلەننى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىنساقلىسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەممىدىنياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android