ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
95410/شعبان/1444 , 02/مارت/2023

ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى دۇغ نەرسىلەر توغرىسىدا

سوئال: 37840

مەن ھامىلدارلىقتىن چەكلەش ئۈزۈكى قوللىنىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ھەيز كېلىدىغان ۋاقىتتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دۇغ نەرسىلەر كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روزام بۇزۇلامدۇ؟ ، ئۇ كۈنلەردە تۇتمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر كەلگەن دۇغ نەرسىلەر ھەيزدىن ئىلگىرى كېلىدىغان بولسا ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇ ئادەت كۆرگۈچى ئاياللار بىلىدىغان ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى ئاغرىتىش، سانجىقلار بىلەن بىلىنىدۇ. ئەمما دۇغلۇق ھەيزدىن كېيىن بولسا يوق بولغۇچە قارىلىدۇ، چۈنكى ھەيزگە ئۇلىشىپ كەلگەن دۇغ ھەيز ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئاق خۇننى ياكى پاختا قويساڭلار ئاق بولغىچە ئالدىرماڭلار». "رىسالەتۇ دىمائۇت تەبىئىييە" 59 -بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن:  كەلگەن دۇغ نەرسىلەر سىزگە ھەيزدىن بۇرۇنلا كەلسە بۇ ھەيز بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىز نامازنى، روزىنى تەرك قىلىسىز، پاك بولغاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىسىز.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى دۇغ نەرسىلەر توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ