0 / 0

راپىزىلار ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھاراق ئېچكەن دەپ تۆھمەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 237679

ەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى بولغان ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىنمۇ ھاراق ئىچكەن دەپ بارمۇ؟ بەزى شىئەلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا، ئۇلار شۇنداق دېدى، ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىشنى بىلەلمىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىلىنغانئوپ-ئوچۇق تۆھمەت، يالغان، توقۇلمىدىن ئىبارەت،ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھەر قانداق بىرمۇسۇلماننىڭ ئېنىق بولمىغان دەلىللەربىلەن يەنە بىر مۇسۇلماننى تۆھمەتقىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىدەلىل-ئىسپاتسىز تۆھمەت قىلىش چوڭ گۇناھ بولىدىغانتۇرسا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇغا ئوخشاش ئىسلامدا مەشھۇر كىشىلەرنىتۆھمەت قىلغۇچىنىڭ جىنايىتى قانداق بولىدۇ؟!.

ئۆمەرپارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپلا ھاراققا قارشى جەڭئېلان قىلغان، ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭخەتىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتابرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«ھاراقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىنغان ۋاقتىدا،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھ!ھاراق توغرىسىدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەكئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى،بەقەرە سۈرىسىدىن بۇ ئايەت نازىل بولدى:يَسْأَلُونَكَعَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِۖقُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌتەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! سەندىن ھاراق ۋەقىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: بۇنىڭھەر ئىككىسى چوڭ گۇناھ، دېگىن. [سۈرەبەقەرە 219-ئايەت].

ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاقىرتىلىپ بۇ ئايەتتىلاۋەت قىلىپ بېرىلگەندە، ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھ! ھاراق توغرسىدابىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەك ئوچۇقھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى. ئىككىنچى باسقۇچتاسۈرە نىسادىكى بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنتُمْ سُكَارَىٰحَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍحَتَّىٰ تَغْتَسِلُواتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار،نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە،جۇنۇپ بولساڭلار، – يول ئۈستىدە بولغانلار(بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، – غۇسلىقىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، [سۈرە نىسا 43-ئايەت].

نامازغاتەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جاكارچىسىكىشىلەرگە: دىققەت قىلىڭلار! مەس بولۇپقالغان كىشىلەر نامازغا يېقىنلاشمىسۇن دېدى،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاقىرتىلىپبۇ ئايەت تىلاۋەت قىلىپ بېرىلگەندە،ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئى ئاللاھ!ھاراق توغرىسىدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز ئارام تاپقۇدەكئوچۇق ھۆكۈم بايان قىلىپ بارگەيلا دېدى. كىيىنكىباسقۇچتا سۈرە مائىدەدىكى بۇ ئايەت نازىلبولغاندا: فَهَلْأَنتُم مُّنتَهُونَ تەرجىمىسى: سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟. [سۈرە مائىدە91-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: “ياندۇق ئىئاللاھ!” دېگەن.» [ئەبۇ داۋۇدرىۋايىتى3670-ھەدىس].

ئۆمەررەزىيەللاھۇئەنھۇ خەلىپە بولغاندىنكىيىن كىشىلەرنى ھاراقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋەھاراقنىڭ ھۆكمىنى تولۇق بايان قىلىش قاتارلىق ئىشلارغائالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.

ئىبنىئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداقدەيدۇ: ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنىئاڭلىدىم: ئى ئىنسانلار! ھاراقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدائايەت نازىل قىلىندى، ھاراق بەش تۈرلۈك نەرسىدىنياسىلىدۇ، ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغدايۋە ئارپا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەقىلنىيوق قىلىدىغان(يۆگەيدىغان) ھەرقانداق نەرسەھاراقتۇر.[بۇخارى رىۋايىتى4619-ھەدىس.مۇسلىم رىۋايىتى3032-ھەدىس].

ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراقئىچكۈچىلەرگە جازا بىكىتىش ئىشلىرىدا، ھاراقئىچكۈچىگە بىكىتىلگەن ئوچۇق جازا بولمىغانلىقىئۈچۈن بۇ توغرىدا پىشقەدەم ساھابىلار بىلەنمەسلىھەت قىلىپ، بۇ جەمئىيەتتىن تازىلىنىشىئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

ئەنەسئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداقدەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭيىنىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم ئىلىپ كىلىنگەندە،ئۇ ئادەمنى خورمىنىڭ شاخلىرى بىلەن قىرىق قېتىمغايىقىن ئۇردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا،بۇ مەسىلە توغرىسىدا ساھابىلار بىلەن كىڭەشئىلىپ باردى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جازانىڭيەڭگىلراقى سەكسەن دەررە دېدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇھاراق ئىچكەن ئادەمنى سەكسەن دەررەئۇرۇشقا بۇيرىدى.[مۇسلىم رىۋايىتى1706-ھەدىس].

ئەقلى-ھۇشىجايىدا بىر ئىنسان شۇنى ئويلاپ باقسۇنكى! بىر ئىنسان ھاياتىبويىچە مۇسۇلمانلار جەمئىتىنى ھاراقتىن ئەڭيۇقىرى دەرىجەدە پاكىزلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ،ئاخىرىقى ھاياتىغىچە مۇشۇ پىرىنسىپنىداۋاملاشتۇرۇپ دۇنيادىن كەتسۇن، ئاندىنبۇ پىرىنسىپقا سەل قاراپ ھاراقئىچسۇن؟!

بۇراپىزىلارنىڭ تۆھمەتلىرى بولۇپ ھەيران قالارلىق ئىشئەمەس. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھ، شىئە-راپىزىلارنىسۈپەتلەپ: “ئۇلار ئومۇمەن ئىسلامئۈممىتى ئىچىدىكى ئەڭ يالغانچى كىشىلەردۇردېگەن”. [“پەتىۋالار توپلىمى” 27-توم125-بەت].

ھەدىستوپلاملىرى ۋە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغانئەسەرلەرنىڭ ھېچ بىرىدە ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاراقئىچكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل تىپىلمايدۇ. بەلكىئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭشاراپ ئېچكەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەستكەئۇچرىغانلىق ۋەقەلىكىدە بايان قىلىنغان،زەھەرلىك خەنجەر ئۇرۇلغاندىن كىيىندوختۇر ئۇنىڭغا شاراپ ئىچكۈزگەن.

شاراب(نەبىيز) دېگەن سۆز ھاراققىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.خورما ياكى ئۈزۈمنى سۇغا چىلاپ ئىچىتىلمىغاندەرىجىدە تەييارلانغان ئىچىملىك بولۇپ، ئازراق تەمپەيدا بولغاندا ئىچىشكىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ. ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىچكىنى كىيىنكىسىيەنى خورما ياكى ئۆزۈمنىڭ تەمى كىرگەن تاتلىقئىچىملىكتىن ئىبارەت. بۇنىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىچكەن،ئالىملار بۇنى ئىچىشنىڭ دۈرۈس ئىكەنلىكىگەبىرلىككە كەلگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىكەينىگە مىندۈرۈپ بىزنىڭ يىنىمىزغاكەلگەندە ئېچىدىغان نەرسە تەلەپقىلدى، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قاچاشاراپ كەلتۈردۇق،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىچىپ ئاشقىنىنىئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغابەردى ۋە: ناھايتى ياخشى، تەملىكتەييارلاپسىلەر، دائىم شۇنداق قىلىڭلار،دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1316-ھەدىس].

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “بۇ ئۈزۈم ياكى باشقامىۋىلەر بىلەن تەمى تاتلىق قىلىنغان، مەس قىلمايدىغانئىچىملىك بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت چىلانسا مەسقىلغۇچى ئىچىملىككە ئۆرىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتائىچىش چەكلىنىدۇ”. [“سەھىھ مۇسلىمنىڭشەرھىسى” 9-توم 64-بەت].

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:”(نەبىيز) ئىچىملىكىنى قاينىتىلمىغان، تەمىئۆزگەرمىگەن، تاتلىق ۋاقتىدا ئىچىش دۇرۇسبولىدۇ، ئىسلام ئالىملىرى بۇنى ئىچىشنىڭ دۇرۇسئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن”.[“سەھى مۇسلىمنىڭ شەرھىسى” (13-توم 174-بەت].

شۇنىڭدىنھەيران بولىمىزكى! ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىق، پەزىلىتى ۋەئىمانى قۇۋۋىتى، ئۇ كىشىنىڭ مۇشۇئۇممەتنىڭ ئېچىدە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنكىيىنكى ئەڭ ھۆرمەتلىك زات ئىكەنلىكىبۇنىڭغا بارلىق ساھابىلارنىڭ بىرلىككەكەلگەنلىكى، ئەلىي رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ كۇپە مەسچىتىدەمۇنبەردە تۇرۇپ ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغاگۇۋاھ بولغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ھەدىسلەربايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق، تۆھمەتچىلەرئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭئارتۇقچىلىقلىرى بايان قىلىنغان ئوچۇق دەلىللەرگەنەزەر سالماستىن، (نەبىيز ئىچىملىكىدىن ئىبارەت) ئىككىتەرەپكە ئېھتىماللىقى بولغان بىر سۆز ئارقىلىقئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭنامىغا داغ تەككۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ. مانابۇئاللاھ تائالا قۇرئانكەرىمدە سۈپەتلىگەن دىللىرى ساغلام بولمىغانكىشىلەرنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: فَأَمَّاالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَالْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِتەرجىمىسى: دىللىرىدا ئەگرىلىك بار(يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاشۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىشئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگەئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). [ئال-ئىمران سۈرىسى 7-ئايەت].

ھەممىدىنتوغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android