iconئىئائە
ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
4,27221/جمادى الثانية/1443 , 24/يانۋار/2022

مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

سوئال: 234187

ئۆز ئىشەنچىمىز ۋە ئەمەلى دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسەن شەھرىمىزدە ناماز ۋاختىنى بىكىتىشتە چوڭ خاتالىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بامداتنىڭ ئەزىنىنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئوقۇش، (يەنى بامداتنىڭ ۋاختى كىرىشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئەزەن ئوقۇلىدۇ) بىز مەسچىتتە جامائەت بىلەن نەپلە نىيىتى بىلەن ناماز ئوقۇيمىز، ئاندىن ئەزاننى قايتا ئوقۇپ، بامداتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرىنى ئۆيىمىزگە قايتىپ ياكى مەسچىتنىڭ سىرتىدا قايتا ئوقۇيمىز، بىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇق بىلىشنى مەخسەت قىلىمىز:
1-بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىز توغرىمۇ؟.
  2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: سىلەر بىر بۆلۈك كىشىلەرگە ئۇچرايسىلەر، ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاختىنىڭ غەيرىدە ئادا قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، نامازنى بىلگىنىڭلارچە بويىچە ئۆز ۋاختىدا ئوقۇڭلار، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامازنى نەپلە قىلىڭلار دىيىلگەن، بىزنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن يەنە قايتا ئوقۇغۇنىمىز ئاشۇ ھەدىسنى توغرا چۈشەنگەنلىكىمىزمۇ؟.
  3-بەزى ئۆلىمالار: "شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نامازنىڭ ۋاختى كىردى دەپ قارىغان ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، ئوقۇغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ" دەيدۇ، ئەگەر سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى دەلىل مەسچىت ئىمامىنىڭ قارىشىغا زىت بولسىمۇ بولامدۇ؟.
  4-بامداتقا ئەزان ئوقۇلىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تەپسىلى قاراش قايسى؟، قاراڭغۇلۇق ۋاقتىمۇ ياكى يورىغان ۋاقىتمۇ ياكى شەرقتىن قىزىللىق پەيدا بولغان ۋاقىتمۇ ياكى باشقا ۋاختى بارمۇ؟.
5-بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق، بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن: سىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىتتا بىزگە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياردەم بەرسۇن، سىلەرنىڭ تېرىشچانلىقىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز ئابدۇرەھمان بەرراكقا يوللىغان ئىدۇق، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "سۇئالدا بايان قىلىنغاندەك نامازنى ۋاختىدىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە سىلىشتۇرۇشلىرى توغرا، ئۇلار جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ ئاندىن نامازنى ۋاقتى كىرگەندە قايتا ئوقۇيدۇ، ئەمما ئۇلار پەقەت ئۆز قارىشى-گۇمانىغا تايىنىپ، ياكى باشقىلارغا ئەگىشىپ، ئەمەلى دەلىل-ئىسپاتسىز شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارمۇ ئومۇمى جامائەت بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيدۇ".

سىلەرگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: بامدات ۋاقتىنى بىكىتىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئۆلىمالاردىن بىر جامائەت دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، نامازنىڭ توغرا ۋاقتىنى كىشىلەرگە ئېلان قىلسۇن، ئەگەر ئۇلار خاتا بىكىتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

فتاوى إسلامية 2/ 404 - 411

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
GlobalGreenIconتىلنى ئۆزگەرتىش

downloadئىنتىرنىتقا ئۇلانماغلىق

    چۈشۈرگىلى بولىدىغان تىللار

      تىل ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرەمسىز؟

      Wasl

      شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش ۋەدىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بىز سىزگە مەلۇماتلىرىڭىزنى بىخەتەر باشقۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 'سىجىل' قورالىنى تەقدىم قىلىمىز.

      Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

      answer
      ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
      ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

      New List