0 / 0

ئايالنىڭ يېنىدا يەنە بىر ئايالنىڭ بولىشى بىلەن خىلۋەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالامدۇ؟

سوئال: 175176

ئايالىم ئۆيدە گاز تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، گاز تۇڭىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى، مەن ئۆيدە ئەمەس، گاز تارقاتقۇچى ئۆيگە كىرىپ يېڭى گاز تۇڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟، ئايالىمنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ھەمشىرە بىرگە بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغامەنسۇپتۇر.

1- بارلىق دىنى ئالىملاريات ئايال بىلەن ياتئەرنىڭ يالغۇز جايدا بىرگە تۇرۇشىنىڭھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ياتئەركىشىمەھرىمىبولمىغانياتئايالبىلەنيالغۇزقالمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى5233-ھەدىس،مۇسلىم رىۋايىتى 1341- ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “يات ئەر ياتئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇزقىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەنچەكلەنگەندۇر يەنى ھارامدۇر”. [سەھىھمۇسلىمشەرھى 9- توم 109- بەت].

ئىمام سەنئانىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” بۇھەقتە كەلگەن ھەدىس،ئەر كىشىنىڭ ياتئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قىلىشنىڭ ھاراملىقىنىئىسپاتلايدۇ.بۇبارلىق دىنى ئالىملارنىڭ بىردەك كۆز قارىشىدۇر”. [سۇبۇلۇسسالام 1- توم 608 – بەت].

2- قىز-خانىملار مەھرىمى ياكى يولدىشىئۆيدە بولمىغان ھالەتتە، يات ئەركەكنىڭئۆيگە كىرىشىگە تۆۋەندىكىدەك ئىككىشەرت ئاستىدا رۇخسەت قىلىدۇ:

بىرىنچى شەرت: بۇنىڭئۈچۈن يولدىشى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى شەرت: ئۇ ئايالئۆيدە يالغۇز بولماسلىق بەلكى ئۇنىڭ يېنىدائوغلى،قېرىندىشى ياكى دادىسىغا ئوخشاشنىكاھلىنىشى ئەبەدىي چەكلىنىدىغان تۇغقانلىرىدىنبولغان مەھرىمى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇئايال بىلەن مەھرەم بولماستىن بەلكى باشقا بىر ئايال بولسىمۇخىلۋەتيەنى يالغۇز قىلىشنىڭ چەكلىنىشى، بىرگە تۇرغانئايالنىڭ ئىشەنچىلىك يەنى ئىماندار بولىشى شەرت ئاستىدائەمەلدىن قالىدۇ. چۈنكى يېنىدىكى ئايال ئىشەنچىلىكبولغاندا يات ئەردىن ئەنسىرەشتىن خاتىرجەم بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “يات ئەر ياتئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇزقىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەنچەكلەنگەندۇر. ئەمما ئەركىشى بىرنەچچە ئايالبىلەن بىر جايدا تۇرسا، توغرا قاراشتا جايىز دېيىلىدۇ. [سەھىھ مۇسلىمشەرھى 9- توم 109- بەت].

ئىمام سەنئانىرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ھەدىستە، ئۇ ئىككىسىنىڭئۈچىنچىسى شەيتاندۇردەپكەلگەن، يەنى مۇشۇنداق ھالەتتەمەھرەم بولالمايدىغان بىرى بۇلار بىلەن بىرگە بولسايالغۇز قىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولامدۇ؟دېگەندە، يوق بولىدۇ. چۈنكى، ئۈچىنچى بىرشەخسنىڭ ھازىر بولىشى بىلەن ئىككەيلەن ئارىسىغاشەيتاننىڭ پىتنە سىلىپ قويۇش قورقۇنچىسىدىنخاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. [سۇبۇلۇس سالام 1- توم 608].

خۇلاسە:سىز گازيەتكۈزگۈچى خادىمنى، ئايالىڭىز يالغۇز قالمىغانۋە يېنىدىكى يەنە بىر ئايالنىڭمۇئامانەتدارلىقىغائىشەنچ قىلالىغان شەرت ئاستىدا، ئۆيگەكىرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى دۇرۇس دەپ قارايمىز. ئەسلىدەشەرئى پرىنسىپدا، يۇقىرىقىدەك ئىشلارسەۋەبلىك، قىز-خانىملارنىڭيات ئەركىشىنىڭئۆيىگە كىرىشىگە رۇخسەتبېرىشى ئۈچۈن،يېنىدا مەھرەم بولۇشىلازىمدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىئاللاھدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android