1,782

كىرپىكنى قارا رەڭدە بوياشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 148664

خانىملار ئەرلىرىگە گۈزەل بولۇش ئۈچۈن رەڭگى بىر قانچە ھەپتىگىچە كەتمەيدىغان تېرىگە زىيان يەتمەيدىغان بوياقلار بىلەن كىرپىكلىرىنى بويىسا توغرا بولامدۇ؟. ئەگەر بوياش توغرا بولسا، قارا رەڭدە بويىسىمۇ بولامدۇ؟ ياكى قارا رەڭدە بوياش چاچنى بوياش ھارام بولغاندەك كىرپىكنى بوياشمۇ ھارام بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   خانىملار كۆزىنىڭ كىرپىكلىرىنى زەرەر يەتمىسە سۈرمە بىلەن ياكى باشقا بوياقلار بىلەن بويىسا بولىدۇ، بۇ شەكىلدە يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقماسلىق كېرەك، بۇ مەسىلىدە ئەسلى دۇرۇس بولغانلىقى ئۈچۈن قارا رەڭ بىلەن بوياشتىنمۇ چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى قارا رەڭنىڭ سۈرمىگە بەك ئوخشاش بولغانلىقتىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ، بۇنداق قىلىش كىرپىكنى بېشىنىڭ چېچىغا قېتىپ قويغاندىن ياخشىدۇر. ئەگەر كىرپىكنى بويىغان بوياق كىرپىككە سۇ تىگىشنى چەكلەپ قويسا، تاھارەت ئىلىشتىن بۇرۇن كىرپىكنىڭ بويىقىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. بۇ ھەقتە 113725 -نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    كىرپىكنى بويايدىغان بوياقلارنىڭ زىيانلىق ماددىلاردىن خالى بولغانلىقىغا بەك دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بەزى بوياقلار قاپىقىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا، كىرپىكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 2865-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2341-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android