0 / 0

قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 145596

بەزى كىشىلەر ئىستىخارە نامىزى ئوقۇماستىن بەلكى قۇرئان كەرىمنىڭ مەلۇم بەتلىرىنى قارىماستىن ئىختىيار قىلىپ، ئاندىن تاللىغان بەتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا ئىشارەت قىلىدىغان ئايەتنى ئىزدەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ مەزكۇر ئىش توغرىسىدا قارار بېرىدۇ. تۇرمۇش قۇرغان بىر قىزنى مىسالغا ئالساق، ئۇ قىزنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقتىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. قىزچاق يولدىشىدىن ئايرىلىشنى خالايدۇ، ئەمما قىزنىڭ ئانىسى قۇرئان كەرىمنى ئىلىپ ئۆزى تاللاپ بىر بەتنى ئاچىدۇ، ئۇ بەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئانىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا خىتاب قىلىپ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى ھالاك بولارمىكىن دەپ قورقمىغىن دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، بۇ ئايەتتىن ياخشى پال ئىلىپ، قىزىم يولدىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىشى لازىم دەپ قارىغان. بۇ ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر.

ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئالاھىدەتەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، قۇرئانكەرىمدىن پال ئىلىش باھانىسى بىلەن بۇ سۈننەتنىتەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۆپچىلىك ئالىملارقۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىشنى ئىسلامدىن ئىلگىرىكىدەۋرىدىكى پال سىلىش شەكلىگە ئوخشايدۇ دەپقاراپ، بۇنداق قىلىشنى چەكلىگەن يەنى ھارام دەپ قارىغان.

ئىمام قۇراپىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: بۇنداق شەكىلدە پال ئىلىشھارام بولۇپ، ئىمام تەرتۇشىي رەھىمەھۇللاھبۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداقدېگەن: “قۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىش، قۇمۋە ئارپا بىلەن پال سىلىش، چەك تاشلاش قاتارلىقئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. چۈنكىئۇلار جاھىلىيەتنىڭ پال سىلىش شەكلىدىندۇر. پالئوقى جاھىلىيەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ تال ئوق بولۇپ،بىرىگە قىلغىن يەنە بىرىگە قىلما ئۈچىنچىسىگەبىلمىدىم دېگەن خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، پالسالغۇچىغا: قىلغىن دېگەن خەت يېزىلغان ئوق چىقسا،ئۇ كىشى مەقسەت قىلغان ئىشىنى قىلىشقا ئاتلىناتتى، قىلمادېگەن خەت يېزىلغان ئوق چىقسا، مەقسەت قىلغانئىشىنى قىلمايتتى ۋە بۇ ئىش ياخشى بولمايدىكەن دەپقاراپ، ئۇ ئىشنى قىلىشتىن چىكىنەتتى. بىلمىدىم دېگەنخەت يېزىلغان ئوق چىقسا، قايتىدىن پال سالاتتى. ئۇلار شۇتەرىقىدە پال سېلىش ئارقىلىق غەيىبتىن ئۆزتەقسىماتىنى تەلەپ قىلاتتى. ياخشىسىغا ئەگىشەتتى،ناچارنى تەرك قىلاتتى. شۇنىڭدەك قۇرئانكەرىمدىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن پال ئالغۇچىئۆز ئىتىقاتىدا پالدىن ياخشى نەتىجە چىقسا قىلماقچى بولغانئىشىنى قىلىش، ئەگەر ياخشى نەتىجە چىقمىسا ئۇ ئىشنىتەرك ئېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇقۇرئان كەرىمدە ھاراملىقى بايان قىلىنغان پال ئوقلىرىبىلەن پال سېلىشنىڭ ئۆزىدۇر”. تۈگىدى.[ئەلفۇرۇق ناملىق ئەسەر 4-توم 240-بەت].

نەپراۋىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ:”پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشى پالنىياقتۇراتتى، (بۇ يەردە كۆزدەتۇتۇلغىنى ئىيجابى سۆزلەردۇر) ياخشى پال بولسا؛ئىنساننىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان ياخشىسۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇم پال ئىلىش يوق. ياخشى پالئىلىش كېرەك دېگەندە، ئى ئاللاھنىڭئەلچىسى! پال دېگەن نېمە؟ دەپ سورالدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پال دېگەنسىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاڭلايدىغان ياخشى سوزدۇر،دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنى پالئەجەبلەندۈرىدۇ، دېگەن.يەنە بىر رىۋايەتتە: ياخشى پالنىياقتۇرىمەن، دېگەن.

بۇنىڭ مىسالى: سەپەرگەچىقىشنى ياكى كېسەل يوقلاشنى مەقسەت قىلىپ چىققاندا، : ئىسالامەت قالغۇچى ياكى غەنىمەت ئالغۇچى ياكى ساقبولغۇچى دېگەندەك سۆزلەرنىئاڭلايدۇ، بۇ كىشى ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشنىمەقسەت قىلمىغان ئەمما شۇنداق ئۇدۇلكېلىپ قالغان. ئەمما ئاڭلىغان سۆزنىڭ ياخشىلىق ياكىيامانلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە قاراپ ئىش قىلىشئۈچۈن (يەنى سۆز ئارقىلىق پال ئىلىشنى مەقسەتقىلسا) يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى ئاڭلاشنىمەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇقۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغان جاھىلىيەتدەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ پال ئوقلىرى بىلەن پالسىلىشىغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ مەنالارغا ئاساسلانغانداقۇرئان كەرىمدىن پال ئىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكىئۇ پال ئوقى بىلەن پال سىلىپ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىتەلەپ قىلىشنىڭ بىر تۇرىدۇ. قۇرئاندىن پالئالغان ۋاقتىدا، ئۇ كىشىگە ئۆزى خالىمايدىغان بىرئىشارەت چىقىپ قالسا، بۇ ئىش ئۇ كىشىنى قۇرئان كەرىمدىنشۇم پال ئىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ.

ئىنسان بىر ئىشنى مەقسەت قىلغانۋاقتىدا، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىساقىلماقچى بولغان ئىشىدىن قايتماسلىقى ۋە ئى ئاللاھ! ياخشىلىقسېنىڭلا تەرىپىڭدىن كېلىدۇ. يامانلىقنىڭكېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ سىنىڭبىلەن بولىدۇ، دېيىشى كېرەك. تۈگىدى.[ئەلپەۋاكىھ ئەددەۋانى 2-توم -342-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھ قۇرئان كەرىمنى ئىچىپ پال ئىلىشتوغرىسىدا سورالغاندا، جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:”قۇرئان كەرىمنى ئىچىپ پال ئىلىش توغرىسىدا ئىلگىرىكىسەلەپ ئالىملىرىدىن ھېچ بىر ئەسەر يوق، ئەمماكىيىنكى ئالىملار بۇ توغرىدا تالاش-تارتىش قىلدى. قازىي ئەبۇيەئلا بۇ توغرىدىكى تالاش-تارتىشنى بايان قىلىپ مۇنداقدەيدۇ: بەزىلەر ئىبنى بەتتە شۇنداققىلغان دېسە، بەزىلەر ئىبنى بەتتەبۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى دېگەن. بۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرىدىغان پالئەمەس. ھەقىقەتەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيجابىلىقنى ياخشىكۆرەتتى ۋە قۇشلاردىن شۇم پال ئىلىشىنىياقتۇرمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامياقتۇرىدىغان پال بولسا، بىر ئىشنى قىلىش ياكى كەسكىن ئىرادىگەكېلىپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغاندا، ئۆزىنىخۇرسەن قىلىدىغان گۈزەل سۆزلەرنىئاڭلاشتۇر. مەسىلەن: ئى نەتىجىگە ئېرىشكۈچىياكى نىجات تاپقۇچى ياكى بەختلىك بولغۇچى ياكى ياردەمبېرىلگۈچى دېگەنگە ئوخشاش.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپمەدىنىگە ماڭغاندا يولدا بىر كىشى ئۈچرىغان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىنئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى:يەزىد دەپ جاۋاپ بەرگەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئابابەكرى!بىزنىڭ ئىشىمىز زىيادە بولىدىكەن، يەنىئۇتۇقلۇق بولىدىكەن دېگەن.

شۇم پال ئىلىش دېگەنلىك: ئىنسان بىرئىشنى قىلغان ياكى قىلىش ئۈچۈن كەسكىن ئىرادىگەكېلىپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئاتلانغاندا،ئۇ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلايدۇ.مەسىلەن: ئى يىتىم قالغۇچى ياكى نىجات تاپالمىغۇچىدېگەنگە ئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغانبۇ سۆزدىن شۇم پال ئىلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ۋازكېچىدۇ. مانا بۇنداق قىلىش چەكلەنگەنبولۇپ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە،مۇئاۋىيە ئىبنى ھەكەم ئەسسۈلەميرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يارەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ئارىمىزدا بەزى كىشىلەرقۇشلاردىن پال ئالىدۇ دەپ سورىسام،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭكۆڭلۈڭلارغا شۇنداق بىر نەرسەپەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ سىلەرنىڭ قىلماقچى بولغانئىشىنى توسىاپ قويمىسۇن دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامقۇشلاردىن شۇم پال ئىلىشنىڭ ئىنساننى قىلماقچى بولغان ئىشىدىن توسۇپ قويۇشىدىنچەكلىگەن، ھەر بىر كىشىدە پالنى ياخشى كۆرۈشۋە شۇم پالنى ياقتۇرماسلىق بولسىمۇ، ئەممابىر ئىشنى قىلىشتا، ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە قىلىش، ئاللاھ تائالاغاتەۋەككۈل قىلىش ۋە شەرىئەت يولغاقويغان سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن مەزكۇرئىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ياخشى پال ئىلىش بىرئىشنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان نەرسەقىلىنمىغاندەك، شۇم پال ئېلىشمۇ بىر ئىشنى قىلىشتىنچەكلەيدىغان ئامىل قىلىنمىدى. ھەقىقەتەن بۇئىشلار جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ پال ئوقلىرىبىلەن ياخشى-ياماننى بەلگىلەيدىغان ئىشىغا ئوخشاپ قالغانلىقىسەۋەبلىك چەكلەندى. ئاللاھ تائالا پال ئوقلىرىبىلەن پال سېلىشنى قۇرئان كەرىمدەئۇنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلدى.

ئۇلار جاھىلىيەت ۋاقتىدابىرەر ئىشنى مەقسەت قىلسا، پال ئوقى ياكى تاشلار سېلىنغانقاچىلارنى ئايلاندۇرۇپ، چىققان نەرسىگە قاراپ بۇياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ياكى يامانلىقنىڭ ئالامىتى ياكى بىلىنمىدىدەپ ئايرىيتتى. قىل دېگەن خەت چىقسا قىلاتتى. قىلمادېگەن خەت چىقسا قىلمايتتى. بىلمىدىم دېگەنخەت چىقسا قايتىدىن پال سالاتتى.

تاش-ئارپا چېچىش، ئەبجەد ھەرپلىرى ياكىبېيىت يېزىلغان قىلماقچى بولغان ئىشى بۇيرۇلسا ياخشىلىقبولىدۇ، قىلماسلىق بۇيرۇلسا يامانلىق بولىدۇدېگەن ئاساستا پال ئىلىنىدىغان قەغەز، تاختايۋە شال پارچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پال ئوقلىرىبىلەن مەقسەت تەلەپ قىلىشنىڭجۈملىسىدىندۇر.

ھەقىقەتەن مۆمىنئۈچۈن بىرەر ئىشنى قىلىشتا ياراتقۇچى ئاللاھ تائالاغائىستىخارە قىلىش (ئاللاھ تائالادىن مەزكۇر ئىشتا ياردەمسوراش)، كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلىش يولغاقويۇلدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغانۋە رازى بولىدىغان، ياقتۇرمايدىغان ۋەچەكلىگەن ئىشلارنى شەرئى دەلىللەر بىلەنئىسپاتلاپ بېكىتىش كېرەك.

بۇ ئىشلاردا يەنى پال ئىلىشتابەزى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشىنى بۇ ياخشىئىشمۇ ياكى يامان ئىشمۇ؟ دېگەننى ئىسپاتلاشمەقسەت قىلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىشئۆتكەن زاماندا مەنپەئەتلىك بولغانمۇ ياكىكەلگۈسىدە مەنپەئەتلىكمۇ؟دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئىسپاتلاشنىمەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىشەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان ئىشلاردۇر.ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر. تۈگىدى.[پەتىۋالار توپلىمى 2366].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىلۋە كۆزقاراشلاردىن شۇ مەلۇم بولدىكى،قۇرئان كەرىمنى پال سېلىشقا ئىشلىتىش، يەنى خالىغانبەتنى ئىچىپ، ئۇ بەتتە چىققان ئىشارەتلەرگەئاساسەن ئىش قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى (يەنىھاراملىقى) ئوچۇق ئىپادىلەندى. بۇمۇ پال ئوقلىرىبىلەن مەقسەت تەلەپ قىلىشنىڭجۈملىسىدىندۇر. ئەمما ئىنسان بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندائىزدەنمەستىن ۋە مەقسەتسىز ئاڭلىغانچىرايلىق سۆز بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.

سوئالدا بايان قىلىنغان يولدىشى ھەققىنىتولۇق ئادا قىلمىغان ھەمشىرىمىزنىڭ سوئالىغاكەلسەك، يولدىشىنىڭ قىلغان ئىشى توغرا ئەمەس،ئەگەر باشقا بىرى ئۇ ھەمشىرىمىزگە: بۇئايەت ئىككىڭلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىڭلارغا دالالەتقىلىدۇ، چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭئانىسىمۇ قورقۇپ ئۇنى دەرياغاتاشلىۋەتكەن، ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىخەتەرلىك دېسە، ئايرىلىپ كېتەمدۇ؟.ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىدەسلەپتە ئۇنى دەرياغا تاشلىغان بولسا،ئاقىۋەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنىئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقازدى.

ئائىلىدە مەسىلە كېلىپچىققاندا، ئۇنىڭ سەۋەبىگە قاراشۋە بۇ مەسىلىنى شەرئى ۋاسىتىلەر بىلەن،يەنى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ئىككى ئائىلىدىنتەدبىرلىك كىشىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ۋە مەسىلىنىھەل قىلىشقا تېرىشىش كېرەك.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android