1,097

قەرزدار تاغىسىغا زاكات بەرسە بولامدۇ، بۇنى بىلدۈرۈش كېرەكمۇ؟

سوئال: 13937

  بانكىدا مەلۇم مىقداردا  ئىقتىسادىم بار، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدىغان ۋاقىت كەلدى، شۇنىڭدەك قەرزدار بىر تاغام بار، قەرزىنى ئۆتەشكە قادىر بولالمايدۇ، تاغام قەرزىنى ئادا قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مەن زاكاتنى ئۇنىڭغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. ئىككىنچى: مەن تاغامغا بۇ زاكات دېمەستىن پۇلنى بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەگەر تاغىڭىز زاكات ئېلىشقا لايىق كەمبەغەل بولسا، زاكات مېلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى بەرسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا بۇ زاكات مېلى دەپ بىلدۈرۈش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما سىز تاغىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ زاكاتقا لايىق ياكى لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇ زاكات مال دەپ بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ سەئد ئەل ھۇمەيد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android