1,212

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتسە بولامدۇ؟

سوئال: 13738

   ئايالنىڭ ئادىتى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە كېلىدىغان بولۇپ قالسا، بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردىكى ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ سوئالنى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن سورىساق، شەيخ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بۇ دورىنى ئىشلەتسە بىر نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئايدا كېلىدىغان ھەيز دېگەن ئاللاھ تائالا ئاياللارغا بېكىتكەن بىر ئىش.

       ھەقىقەتەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن خوشلىشىش ھەججىگە كەلگەندە ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيگەن، مەككىگە يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ قالغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە يىغلاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن يىغلايسىز؟ دېگەندە، ئۇنىڭ ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ھەيز دېگەن ئاللاھ تائالا ئاياللارغا بېكىتكەن بىر ئىش، ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولمايدۇ» دېگەن، ئەگەر سىز رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئادەت كۆرۈپ قالسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزگە تەقدىر قىلغان ئىشىغا بويسۇنۇڭ، ھەيز توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتمەڭ، ئىشەنچىلىك دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دورا ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ۋە قانغا بەك زىيانلىق ئىكەن، ئەگەر ھامىلە بولۇپ قالسا بۇنىڭ ھامىلىگە بەك تەسىرى بولىدىكەن، بىزچە، بۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر ھەيز كېلىپ قالسا، ناماز بىلەن روزىنى تەرك قىلىڭ، بۇ سىزنىڭ ئىشىڭىز ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالا بېكىتىۋەتكەن ئىشدۇر

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android