0 / 0

تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان قىز-خانىملارغا نەسىھەت

سوئال: 132263

مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، يېڭى تۇرمۇش ھاياتىمنى بەرىكەتلىك ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە باشلىشىم ئۈچۈن ماڭا پايدىلىق يوليورۇق ۋە نەسىھەتلەرنى قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاللاھتائالادىن تۇرمۇشىڭىزغامۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭىھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشىكۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

بىزنىڭنەسىھىتىمىز: ئاشكارا يوشۇرۇن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقاتەقۋادارلىق قىلىپ، ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭبۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا، توسقانلىرىدىن چەكلىنىشكەتىرىشىڭ. ھەرۋاقىت ئاللاھقا گۈزەلشەكىلدە ئىلتىجا ۋە تەۋەككۇلقىلىڭ. ئاللاھنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشىشئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقاھېرىسمەن بولۇڭ.

ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازىقىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد،ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغانھەدىستە: ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىرھاجىتى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپبولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپسورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىزبىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال:مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭخىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا:ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقادۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭقەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپبېقىڭ دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇلسەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن.

ئېرىڭىزبىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغائىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقاتېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇشقۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغائىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.

ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: كېچىدە تۇرۇپ ئىككىرەكئەت ناماز ئوقۇپ ئايالىنى مېھرىبانلىق بىلەنئويغاتقان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپئېرىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھرەھمەت قىلسۇن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇداۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىداشەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

كېيىم-كېچەك،زىبۇ-زىنەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەتبېرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا دائىم گۈزەلھەيئەتتە، (يەنى سىزنى كۆرۈشنى ياخشىكۆرىدىغان ھالەتتە) كۆرۈنۈشكەتېرىشىڭ. ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىتئوچۇق چىراي بولۇڭ. تەبەسسۇمنىھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇڭ.پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ.ئۆيىڭىزنى رەتلىك تۇتۇپ، مۇھىتگۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئېرىڭىزياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى تەييار قىلىشقا ئادەتلىنىڭ،چۈنكى ئەرلەر خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپكەلگەندە ئائىلىدە ئۆزىنى خۇرسەنقىلىدىغان ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغاننەرسىلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇئاياللارنىڭ تەدبىرچانلىقى ۋە ئائىلىنى ياخشىتۈزەشتۈرىشى بىلەن بولىدۇ.

بىرەرقېتىم سىزدىن رەنجىپ قالسا، گەرچە سىزدىن خاتالىق سادىربولمىسىمۇ ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. بۇنىڭبىلەن سىز جەننەت ئاياللىرىدىن بولۇشقا ھەقلىقبولىسىز. ئاللاھنىڭ دىنى شەرىئەتلىرىدە گۇناھبولمايدىغانلا بولسا، ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنىقىلىڭ ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ.تاكاللىشىپ جېدەل-ماجرا قىلماڭ، چۈنكى بۇنىڭئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شەرىئەتكە خىلاپ بولغانبىرەر ئىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنىئەسلىتىپ چىرايلىق گۈزەل ئۇسلۇبتانەسىھەت قىلىڭ. ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازاركۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىرقىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنىئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگەدەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن،ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقاتىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپبېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكىئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. قىينى ئاتا،قىينى ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، ئاچا-سىڭىل،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئېھتىرام قىلىڭ.ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بىر تۇغقانلىرىنىڭھۆرمىتىنى قىلىش، ئايالنى ئېرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغانئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭبۇ ھەدىسىنى ئەسلىتىش بىلەن نەسىھىتىمىزنىئاخىرلاشتۇرىمىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ،رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەتقىلىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئۈچۈنقىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكلىرىدىنخالىسىڭىز جەننەتكە شۇ ئىشىكتىن كېرىڭدىيىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (1664)رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھدېگەن.

ئاللاھتائالادىن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەتئاتا قىلىشىنى، تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلىق ئۇستىگەقىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android