7,561

مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ

سوئال: 13183

ئۆلگەنلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خوشاللىقى، غەمكىنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولامدۇ ؟ مۇسۇلماننىڭ روھى دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلەمدۇ؟ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى 40 كۈنگىچە جان ئۆزگەن جايغا كېلىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار بۇ راستمۇ؟ھاياتلار ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ھىس قىلىمىزمۇ؟ ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلەرچۇ؟

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ۋە باشقا بىر دۇنياغا يۆتكەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ ۋە ھېچنەرسىنى تۇيمايدۇ. مېيتنىڭ روھى 40 كۈنگىچە ئۆلگەن جايغا كېلىدۇ، دېگەن سۆزلەر خۇراپاتتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىي يوق. مېيتمۇ تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغان. لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ھەمىشە ۋە ھەممە كىشىگە شۇنداق ئەمەس. ئۆلۈكلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار. بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئەمما چۈشلەردىن بەزىسى ھەق بولۇپ، بەزىسى شەيتاننىڭ ئويۇنىدۇر. بەزى تىرىكلەر ياخشى چۈشلەر ئارقىلىق مېيتنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ. لېكىن بۇمۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ ۋاستچىللىقىغا ، چۈشنى راست كۆرگەنلىكىگە ۋە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىگە باغلىق. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا جەزم قىلىشقا بولمايدۇ. بەزى تىرىكلەر ئۆلۈك تۇغقىنىنى چۈشىدە كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بولسا راستلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بەزى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇخىلدىكى ئىشلار يۈز بەرگەن. بۇلاردىن ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق كەلگىنى، راستلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغىنى ۋە يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغىنى بولۇپ يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈكتىن ئېبارەتتۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

www.islamqa.com

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android