0 / 0

ئايالىنىڭ ئېغىزى ئىتتىك، مۇئامىلىسى قوپال، نامازنى تەرك قىلىش ئارقىلىق بۇنى تۈزۈتۈش توغرىمۇ؟

سوئال: 127791

مەن ئۆز نەپسىمنى شەيتاننىڭ تورىدىن قانداق قۇتۇلدۇرىمەن، مىنىڭ ئايالىمنىڭ ئاغزى يامان، ئەخلاقى ناچار، بىر قانچە قېتىم نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ماڭا بۇنداق تۇرمۇشنى ئىختىيار قىلدى؟ دەپ پىكىر قىلدىم. يەنە بىر قانچە قېتىم ئايالىمنى تالاق قىلىپ مەلۇم ۋاقىت ئايرىم تۇرۇشنى ھەم ئويلىدىم، ئاندىن ئۆز تەقدىرىم توغرىسىدا پىكىر قىلدىم، شۇنىڭ نەتىجىسىدە نامازنى تەرك قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، كېيىن بۇ قىلمىشىمدىن يېنىپ، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تەۋبە قىلدىم. ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟ مۇمكىن بولسا تەقدىر مەسىلىسىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى:ھۆرمەتلىكقېرىندىشىم!سىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىڭىزشەرىئەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسۋە ئەقىلگىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.مەسىلەن: سىز بىر ناچار مۇھىتتا خىزمەت قىلىۋاتقانبولسىڭىز، رەھبىرىڭىز سىزنى خارلىسا، كۆزگە ئىلمىساياكى ھەققىڭىزنى تولۇق بەرمىسە ياكى سىزنىقىلالمايدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا، سىز:ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇ ئەھۋالنىتاللاپتىكەن، دەپ شۇ خىزمەتنىداۋاملاشتۇرامسىز؟، ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسىز،بەلكى ھېچ ئىككىلەنمەستىن مەزكۇرخىزمەتنى تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭئىززەت-ھۆرمىتىڭىزگە مۇناسىپ كىلىدىغانمۇۋاپىق خىزمەت ئىزدەيسىز. شۇنىڭدەكسىزنىڭ باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان،نامەھرەملەرگە كۆز سالىدىغان،كېچە-كۈندۈزئەتراپتىكىلەرگە ناچارلىق قىلىدىغان خوشنىڭىزبولسا سىز ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال بۇنداقئۆيدىن يۆتكىلىپ كېتىسىزكى،ھەرگىز ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇنداقۋەزىيەتنى تاللاپتىكەن دېگەن قاراشبىلەن بۇنداق ئازابلىق تۇرمۇشقا رازى بولۇپياشىمايسىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟!.بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ يەنىسىزنىڭ ئاغزى ئىتتىك، ئەخلاقى ناچار، بىرگە ياشاش قېيىنبولغان ئايالىڭىز، ئۇزۇن ۋاقىت سىز ئۇنى ئۇسىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىر-بىرىڭلار بىلەنبىرگە ئۇخلايسىلەر، بىرگە ياشايسىلەر؟.سىزنى ناچار رەھبەرنىڭ ئالدىدا ئېتىبارسىزخىزمەت قىلىشنى تەرك قىلىشقا، ئەسكى خۇلۇم-خوشنابىلەن بىرگە تۇرۇشتىن باشقا جايغا يۆتكىلىشكەسەۋەپ بولغان نەرسە بىلەن سىزنى ناچار،ئەخلاقسىز ئايال بىلەن بولغان تۇرمۇشنىئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان نەرسەبىردۇر، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بۇئەقىل ئىگىلىرىتەرىپىدىنمۇقوبۇل قىلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئائىلەتۇرمىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدا تەقدىرنى دەلىلقىلىدۇ ئەمما باشقا ئىشلىرىدا تەقدىرنى دەلىلقىلمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسىسىزنىڭ ناچار مۇھىتتىكى خىزمەتنى تاشلاش ياكى تاشلىماسلىق،ئەسكى خوشنا بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ياكىئولتۇرماسلىق، شۇنىڭدەك ئەخلاقى ناچارئايالىڭىز بىلەن بىرگە ياشاش ياكى ياشىماسلىق ئىختىيارلىقى بار.سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنى تاللىسىڭىز، ئاللاھتائالا سىزنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلىغان ئەمەس. بەلكىسىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن تاللىدىڭىز،ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆزىڭىزگەبولىدۇ.

بىزسىز بىلەن تەقدىرتوغرىسىدا مۇناقىشە قىلىشىمىز مۇمكىن. شىكايەتقىلغۇچى ئۆز ئىشىغا ئىگە بولالمايدىغان ئايال بولسا، بىرقېتىم تالاق قىلىنىش بىلەن يولدىشىدىن ئايرىلىشقا قادىر بولالىشى ياكىبولالماسلىقى مۇمكىن.كىيىنكىئاقىۋەتتىن ئەنسىرەپ،يولدىشى توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقى ياكى تۇرىدىغانئۆيى ۋە ئائىلىسى بولمىغانلىقتىن لام-جىم دېمەستىنتۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئى قېرىندىشىم!سىز ئايالىڭىز بىلەن بولغان ناچار تۇرمۇشنى دەپنامازنى تەرك قىلىپسىز. ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشۇنداقۋەزىيەتنى تاللاپتىكەن دەپ نامازنى بولسىمۇتەرك قىلمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئاللاھ ساقلىسۇن.ھەيرانمىز شەيتان قانداق قىلىپ سىزنى شەرىئەتتەقەستەن تەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دېيىلگەنبۇ ئىبادەتنى تەرك قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگەئېرىشتى؟!.

قېرىندىشىم! سىزنىڭ نامازنىتەرك قىلىش ئىختىيارلىقىڭىز يوق، سىز يۇقىرىداسۈپەتلىگەن ناچار ئەخلاق ساھىبى بولغان،شەرىئەت تالاق قىلىشنى يوللۇق دەپ بېكىتكەن،سىزنىڭ ئايرىلىش ئىختىيارلىقىڭىز بولغان بىر ئايالنى تەقدىرنىدەلىل قىلىپ تۇرۇپ نىكاھىڭىزدا ساقلايسىز-يۇ،ئەمما سىز ئۈچۈن تەرك قىلىش ئىختىيارلىقى بولمىغانئىبادەتنى تەرك قىلدىڭىز، سىز بۇنىڭغاتەقدىرنىمۇ ياكى شەرىئەتنىمۇ دەلىلقىلمىدىڭىز، ئىنسان ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن شۇنداقمۇغاپىل بولامدۇ؟! شەيتان سىزنىشۇنداق ئازدۇردىمۇ؟!.

ئىككىنچى: سۇئال سورىغۇچىقېرىندىشىم! سىز بۇندىن كىيىن بىر ۋاخ نامازنىمۇتەرك قىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئىلگىرىئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋە چوڭگۇناھلىرىڭىزغا تەۋبە قىلىشىڭىز لازىم.ئۆز نەپسىڭىزنى شەرىئەتنىئۇلۇغلايدىغان، شەرىئەت ئىشلىرىنى كاتتىلايدىغان قىلىپتەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىڭ.چۈنكى ناماز دېگەن ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغانئىبادەتلەرنىڭكاتتىسىدۇر.بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلەرگەتەۋھىدتىن كېيىنلابەرپا قىلىشىنى پەرز قىلغان ئۇلۇغئىبادەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَائِرَ اللَّـهِ فَإِنَّهَا مِنتَقْوَى الْقُلُوبِتەرجىمىسى:ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى(جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنىقۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭتەقۋادارلىقىدىندۇر. [سۈرە ھەج32-ئايەت].

قېرىندىشىم!سىز بىلمەمسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامھەم-قايغۇلارغا ناماز ئوقۇش بىلەن تاقابىل تۇراتتى.ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىبىرەر ئىش بىئارام قىلسا، ناماز ئوقۇيتتى.» [ئىمامئەھمەد رىۋايىتى22788-ھەدىس، ئەبۇداۋۇد 1319-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي ھەسەنھەدىس دېگەن].

ئىبنى ئەسىر يۇقىرىقى ھەدىسنىچۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەرغەم-قايغۇغا ئۇچرىسا ياكى مۇھىم بىر ئىش يۈزبەرسە ناماز ئوقۇيتتى.

قاراڭقېرىندىشىم!پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا غەم-قايغۇيەتكەن ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا يۈزلىنەتتى،ئەمما سىز غەم-قايغۇغا دۈچكەلگەندە نامازنى تەركقىلىسىز!. بۇ بەكئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش!.

ئۈچىنجى:بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىسلام شەرىئىتى توي قىلىشقا چاقىرىققىلغاندا دەسلەپتە دىندار ئاياللار بىلەن توي قىلىشقارىغبەتلەندۈرگەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئەرلەرنىڭ توي قىلىدىغان ئاياللارنى تاللاشتىكىمەقسىتىنىڭ تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى بىزگە بايانقىلىپ بەرگەن، بەزى ئەرلەرگۈزەل-چېرايلىق ئاياللارنى تاللايدۇ، بەزىلەرنەسەبى ئېسىل ئاياللارنى تاللايدۇ، يەنەبەزىلەر بولسا ئىقتىسادى بارئاياللارنى تاللايدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدىكىكۆرسەتمىسى دىندار ئايال بىلەن توي قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىندار-ياخشى ئاياللارنىتاللاپ ئىلىڭلار دەپ كۆرسەتمە بەرگەنتۇرسا، سىزنىڭ بۇ خوتۇن بىلەن بىرگە ئۆتۈشۈمتەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپقارىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟، نىكاھدېگەن سىزنى دۇنيادا بەختلىك قىلىدىغان،يۈز-ئابرۇيىڭىزنى، مال-مۈلكىڭىزنى ۋەئەۋلادلىرىڭىزنى قوغدايدىغان، مۇھاپىزەت قىلىدىغانبىرى بىلەن توي قىلىش دېمەكتۇر. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن:ئايال كىشى مال-مۈلكى،يۈز-ئابرۇيى، چىراي-شەكلى ۋەدىنى-ئېتىقادىدىن ئىبارەت تۆت ئىش بىلەن نىكاھقىلىنىدۇ، دىندار ئايال بىلەن توي قىلساڭ بەختلىكبولىسەن. [بۇخارىي رىۋايىتى4802-ھەدىس.مۇسلىم 1466-ھەدىس].

بەلكى ئىش ئايالنىڭئائىلە باشلىقلىرى تەرىپىگىمۇ شۇنداق بولىدۇ،دەسلەپتە كىم قىزىنى سوراپ ئەلچى بولۇپكەلسە دەرھال ئۇنىڭغا ياتلىق قىلماستىن،بەلكى كۈيئوغۇل بولىدىغان يىگىتنىڭ دىنى-ئېتىقادىۋە ئەدەپ-ئەخلاقىنىسۈرۈشتۈرۈپ مۇۋاپىقدەپ قارالغاندا ياتلىق قىلىش كېرەك. چۈنكىئائىلە باشلىقلىرىمۇ ئۆز قىزلىرىنى دىندار،ئەخلاق-پەزىلەتلىك ياشلارغا ياتلىق قىلىشقاتەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا كۆپدىققەت قىلىش لازىم.

ئەبۇ ھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: سىلەرنىڭقىزىڭلارغا دىندار، ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەرلايىق بولۇپ كەلسە، قىزىڭلارنى ئۇلارغا ياتلىققىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندابۇزۇقچىلىق ۋە پىتنە-پاساتنىڭكۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ.[تىرمىزى رىۋايىتى1084-ھەدىس. ئىبنى ماجەرىۋايىتى1967-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخئەلبانىي تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىداھەسەن دەپ بايان قىلغان].

نىكاھلىنىش ئىشلىرى قەتئىي بېكىتىپكېتىلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتەتالاق قىلىش يولغا قويۇلمىغان بولاتتى، بەلكى ئايالىئېرىگە تەقدىر قىلىنغان، ئېرى ئايالىغا تەقدىرقىلىنغان بولاتتى، بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن تاكىئۆلگىچە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايتتى. ئاللاھ تائالانىڭشەرىئىتىدىكى يولغا قويغان نىكاھ قانۇنى بۇنداقئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالائەرلەر ئۈچۈن ئايالىنى تالاق قىلىشنى يولغاقويدى، ئايالنى تالاق قىلىش بەزىدە ۋاجىب بولسا گاھىدامۇستەھەب بولىدۇ.ئاياللىرى يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپيۈرسىمۇ ئۇنداق ئايال بىلەن بىرگەئۆتكەن ئەرلەر دەيۈز دەپئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاياللار ئۈچۈنمۇ خۇلئى (يەنىئەرلىرىگەھەق بېرىپ ئاجرىشىشنى يولغا قويدى)،يولدىشى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىقتوغرا يولدا بولمايدىكەن ياكى ئايالنىڭ ھەققىنى تولۇقئادا قىلمايدىكەن، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئايالىنى تالاققىلىشنى رەت قىلىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭخۇلئى قىلىشى (يەنى تالىقىنىتەلەپ قىلىشى)دۇرۇس بولىدۇ.ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغانتۇرسا، ئائىلە تۇرمۇشىغا قانداقمۇ تەقدىرنىدەلىل قىلغىلى بولىدۇ؟.

تۆتىنچى:

1-نامازنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەتخاتالىقىڭىزغا ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈمتىلەڭ.

2-بۇنداق ئىشنىقايتا تەكرارلىماڭ.

3-ئۆزىڭىزنىڭئاجىزلىقىڭىز ۋە توغرا بولمىغان قىلمىشلىرىڭىزنىتەقدىرگە نىسبەت بەرمەستىن بەلكىئۆزئىختىيارلىقىڭىزبىلەن قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزنەپسىڭىزگە نىسبەت بېرىشىڭىزكېرەك.

4-ئايالىڭىزغاچىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىققىلىش، ئەر-ئاياللىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشۋە سىزگە سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن قوپالمۇئامىلە قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ.

5-ئايالنىڭ يېقىنلىرىدىنبولغان ئاقىل-دانىشمەن كىشىلەرنى ئارىغا قويۇپنەسىھەت قىلدۇرۇش ۋە توغرا يولغايېتەكلەش لازىم.

6-ئەگەريۇقىرىدا بايان قىلىنغان چارىلارنىڭ پايدىسى بولمىغاندا، ھېچئىككىلەنمەستىن ئۇ ئايالنى تالاق قىلىشىڭىزكېرەك.

7-ئاللاھ تائالادىنئۇنىڭ ئورنىغا تەقۋادار ياخشى بىر ھەمراھ ئاتاقىلىشنى سوراش بىلەن بۇ تەلەپنىئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھتائالادىن ياردەم تىلەش، دىندار، مەسئۇلىيەتچانئايالنى ئىزدەش ئۈچۈن كېرەك بولغان بارلىقسەۋەبلەرنى قىلىش لازىم.

8-ئايال تاللاش ئىشىدائالدى بىلەن ئىستىخارە نامىزىغا كۆپ ئەھمىيەتبېرىشىڭىز كېرەك.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android