880

روزىدار كىشىنىڭ بۇرنى قاناپ قالغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 12687

   روزىدارنىڭ بۇرنى قاناپ قالسا قانداق بولىدۇ؟، چۈنكى مەنمۇ شۇنداق بولغان ئېدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولسا، تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، بۇرنىڭىزنىڭ قانىشى ئىختىيارلىقىڭىزسىز ئۆزلىگىدىن يۈز بەردى، بۇنىڭغا روزىنى بۇزىدىغان ھېچ بىر ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. بۇنىڭغا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاسانلىقى دەلىل بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»  [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: « ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

 ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 10-توم 264-بەت.

مەرجەلەر

مەنبە

اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء 10 / 264

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android