5,991

كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ شەرتلىرى

سوئال: 12523

ئەگەر ئەر كىشى كۆپ ئاياللىق بولۇش شەرتلىرىنى بىجا كەلتۇرۇشكە قۇدرىتى يەتسە، ئۇنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارچە مەدھىيەلەر ئاللاھغا خاستۇر.
ئىسلام دىنىدا كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ بىرقانچە شەرتلىرى بار :
1- ماددى، جىسمانى تەرەپتىن قۇدرىتى يېتىشى.
2- ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلىدە بولىشى .
كۆپ ئاياللىق بولۇش ئارقىلىق ئولتۇرۇپ قالغان قىز-خانىملارنى يامان يولدىن ساقلاپ قىلىشقا پايدىسى بار، ئۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە دائىرە كېڭىيىدۇ، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش پۇرسىتى يارىتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئىستىلى جەھەتتىن ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. (ئەمما بۇ ھۆكۈم ھەر بىر شەخسنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە شارائىتىغا قاراپ بەزىلەر ھەققىدە ئەمەل قىلىنىشى تەرغىب قىلىنسا، بەزىلەر ھەققىدە چەكلىنىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ.-م-)
بۇ توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى مۆمىنلەر سىلەر مېھرىبان، تۇغۇمچان، تۇغۇشقا قادىر بولالايدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ پايدىلىرى كۆپتۇر.
ئەمما كۆپ ئاياللىق بولۇش ئارقىلىق باشقىلار ئالدىدا پەخىرلىنىش، بەسلىشىش، پالانچى قوش نىكاھلىق دېيىلىش ئۈچۈن نىكاھلانسا، بۇ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن نىكاھ بولۇپ ئىسراپ قاتارىدىن سانىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن : ئىسراپ قىلماڭلار ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
پەزىلەتلىك شەيخ بىن ئۇسەيمىيننىڭ "پەتىۋا ئىسلامىيە" ناملىق ئەسىرى 3-توم 205بەتكە قارالسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

www.islamqa.com

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android