0 / 0
3,00430/08/2013

ھەج قىلىش ئۈچۈن تىجارەت قىلىپ ئايلاندۇرىۋاتقان ئەسلى مالدىن ئېلىش كېرەكمۇ؟

سوئال: 109334

مەن تىجارەتچى، تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىم ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە ئاران يېتىدۇ. ئەسلى مەبلەغدىن ئالمىسام ھەج قېلىشقا قادىر بولالمايمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئەسلى مال كېمىيىپ، كېرىم نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇ ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ خىراجىتىگە يەتمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ماڭا ھەج قىلىش پەرزمۇ؟ بۇ ھەققە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقاخاستۇر.

ھەج پەقەت قادىر بولالىغانلارئۈچۈن پەرز بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّالْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا تەرجىمىسى: قادىربولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنىزىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [ئال-ئىمران97-ئايەت].

ئىقتىسادى تەرەپتىن قادىربولۇشنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىھەجدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆزى ۋەئائىلە-بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگە يەتكۈدەك ئىقتىسادىنىڭ بولىشىدىنئىبارەتتۇر. شۇنداقلاھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە-بالىلىرىنىڭخىراجىتىگە يەتكىدەك بىر نەرسىنىڭ بولىشىكېرەكتۇر.مەسىلەن: يەر ياكى ئۆي ئىجارىسى ياكى ئايلىق ئىشھەققى ياكى تىجارەت دېگەنگە ئوخشاش.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى،پايدىسىنى ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىنىدىغان ئەسلىمەبلەغدىن ئىلىپھەج قىلسا، ئەسلى مەبلەغنىڭكېمىيىشى بىلەن ئۇنىڭدىن كىلىدىغان پايدىمۇكېمىيىپ، ئائىلە-بالىلىرىنىڭ خىراجىتى كەملەيدىغانئىش بولسا، ئۇ كىشىگە ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇغنىي ناملىق ئەسىرىنىڭ 5- توم 12- بېتىدەمۇنداق دەيدۇ: “بىر كىشىنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلە-بالىلىرىئولتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان زېمىن ياكى ئايلىقئىجارىسى خىراجەت قىلىنىدىغان ئۆي ياكى تىجارەت ماللىرىبولۇپ، ئەسلى مەبلەغ ئىشلىتىلسە پايدىسىكېمىيىپ، ئائىلە بالىلىرىنىڭ خىراجىتىگەيېتىشمىسە، ئۇ كىشىگە ھەج قېلىشزۆرۈر ئەمەس”.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىئەزالىرىدىن مۇنداق سۇئال سورالغان: مەن مىسىرلىق،ئائىلە باشلىقى، ئائىلىدە ئايالىمۋە كىچىك ئىككىپەرزەنتىم بار، مىسىردا ئالىدىغان ئايلىق ئىش ھەققىمكۈندىلىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ئائىلەخىراجىتىگە ئاران يېتىدۇ، مېنىڭ باشقا كىرىمىم يوق،مەن ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭبىردە تۆت يىل ئىشلەپ بىر ئاز مال توپلىدىم، ھاياتىدۇنيانىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشئۈچۈن تۇرمۇشىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالاردېگەن ئۈمىدتە ئۇ پۇلنى ئىسلامى بانكىدائامانەت قويدۇم، ھازىر مېنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىمبىلەن بۇنىڭدىن كىرگەن قوشۇمچە كىرىمئائىلىنىڭ ئوتتۇراھال تۇرمۇشىغا يېتىدۇ.مەن مۇشۇنداق شارائىتتا ھەج قېلىشىمكېرەكمۇ؟ ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەممۇشۇ مالنى سەرپ قىلىشىم كېرەكمۇ؟،ئەگەر مەن بانكىدا قويغان ئەسلى پۇلدىنمەلۇم مىقداردا ئىلىپ ھەج قېلىش ئۈچۈنخىراجەت قىلسام، ئۇ ئائىلىنىڭ ئايلىق خىراجىتىگەتەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە مېنى ماددىجەھەتتىن چارچىتىپ قويىدۇ. مەن قانداق قېلىشىمكېرەك؟.

ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپبەرگەن: سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز يۇقىرىدابايان قىلىنغاندەك بولسا سىزدە شەرئى پرىنسىپتا بېكىتىلگەنھەجقېلىشقا قادىر بولۇش دېگەن شەرتتېپىلمايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەجقىلىشقا قادىرئەمەس.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالاقۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّالْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا تەرجىمىسى:قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنىزىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. [سۈرەئال-ئىمران 97-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّـهَمَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقاتەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرەتەغابۇن 16-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداقدېگەن: وَمَا جَعَلَعَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍتەرجىمىسى:ئاللاھ سىلەرگە دىندا قىيىنچىلىق قىلمىدى. [سۈرەھەج 78-ئايەت]

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققامۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلەتاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى كىراملىرىغا ئاللاھنىڭرەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئابدۇللاھ ئىبنىباز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار.

سەئۇدى ئەرەبىستانئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقاتكومىتېتى(1135،36).

خۇلاسە: يۇقىرىدىكىدەلىللەرگە ئاساسلانغاندا، سىز ئۆزىڭىزدە باربولغان پۇل-مالنى ئائىلە ۋەپەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغاسەرپ قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ، ھازىرقىئەھۋالىڭىزدا ھەج قېلىشىڭىز پەرزئەمەس.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى:نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android