0 / 0

ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كەلسە قانداق قېلىش توغرىسىدا دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋاسى

سوئال: 109323

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر يەككە-يىگانە بولغان ئاللاھغا خاستۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس ۋە ساھابىلاردىن نەقىل قىلىنغان ئەسەرلەر بار:

1-زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىدىن: ئىككى ھېيت بىر كۈندە كەلگەندە سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قاتناشقانمۇ؟ دەپ سورىغاندا، زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەئە،- دېدى، مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق قىلغان؟ دېدى، زەيد ئىبنى ئەرقەم: ھېيت نامىزىنى ئوقۇغان، ئاندىن جۈمە نامىزىغا رۇخسەت قىلىپ: جۈمە نامىزىنى ئوقۇشنى خالىغانلار ئوقۇسۇن دېگەن،-دېدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى، ئىبنى ماجە، دارىمى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ھاكىم “مۇستەدرەك” تە كەلتۈرۈپ: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولسىمۇ، بۇخارى بىلەن مۇسلىم رىۋايەت قىلمىغان، بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان يەنە بىر شاھىدى بار،- دېگەن. بۇ سۆزگە زەھەبى مۇۋاپىق كەلگەن، نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: “ئەلمەجمۇ” دا بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشى،- دېگەن].

2-ئۇ ھەدىسنىڭ شاھىدى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىس: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەرگە بۈگۈن ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى، ھېيت نامىزى خالىغان كىشىلەرگە جۈمە نامىزىغا كۇپايە قىلىدۇ، بىز جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇيمىز دېگەن. [ھاكىم بۇ ھەدىسنى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك رىۋايەت قىلغان ۋە ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئىبنى جارۇد، بەيھەقى قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان].

3-ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كېلىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كىشىلەرگە: جۈمە نامىزىغا كېلىشنى خالىغانلار كەلسۇن، كەلمەسلىكنى خالىغانلار كەلمىسۇن دېدى. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

تەبرانى “ئەل مۇئجەمۇل كەبىر”دە مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا روزا ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كېلىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: ئى كىشىلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ياخشىلىققا ۋە ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشتىڭلار، بىز جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇيمىز، بىز بىلەن جۈمە نامىزىنى بىرگە ئوقۇشنى خالىغانلار ئوقۇسۇن، ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىدىغانلار بولسا قايتىپ كەتسۇن دېدى.

4-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:سىلەرگە بۈگۈن ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى، ھېيت نامىزى خالىغان كىشىلەرگە جۈمە نامىزىغا كۇپايە قىلىدۇ، بىز ئاللاھ خالىسا جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇيمىز دېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. بۇسەيرى: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ، راۋىلىرى ئىشەنچىلىك،- دېگەن].

5-تابىئىنلاردىن بولغان زەكۋان ئىبنى سالىھ رەھىمەھۇللاھدىن مۇرسەل بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىدە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرگە خۇتبىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ۋەز- نەسىھەت ۋە ياخشىلىققا ئېرىشتىڭلار، بىز جۈمە نامىزىنىمۇ ئوقۇيمىز، جۈمە نامىزىغا كەلمەي ئۆيدە قېلىشنى ئىختىيار قىلغانلار ئۆيىدە قالسۇن، جۈمە نامىزىغا كېلىشنى ئىختىيار قىلغانلار كېلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇسۇن. بۇ ھەدىسنى بەيھەقى “سۈنەنۇلكۇبرا”دا رىۋايەت قىلغان.

6-ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە بىزگە ھېيت نامىزى ئوقۇپ بەردى، ئاندىن بىز جۈمە نامىزى ئۈچۈن كەلسەك، ئۇ بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگىلى چىقمىدى، بىز نامازنى ئايرىم-ئايرىم ئوقۇدۇق، ئۇ ۋاقىتتا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تائىپتا تۇراتتى، ئۇ مەككىگە كەلگەن ۋاقىتتا بىز بۇ ئەھۋالنى دېسەك، ئۇ: سۈننەت بويىچە ئىش قىلىپتۇ دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

يۇقىرىقى ھەدىسنى ئىبنى خۇزەيمە باشقا سۆز بىلەن رىۋايەت قىلىپ، ئاخىرىدا مۇنۇ سۆزنى زىيادە قىلدى: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەندە مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم دەيدۇ.

7- ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇئەتتادا ئىبنى ئەزھەرنىڭ ئازەدگەردىسى ئەبۇ ئۇبەيدتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىككى ھېيت نامىزىغا قاتناشتىم، ھېيت جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبىدىن ئىلگىرى ھېيت نامىزى ئوقۇدى، ئاندىن خۇتبە سۆزلەپ: ئى ئىنسانلار! بۇ كۈندە سىلەرگە ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى، مەدىنە ئەتراپىدىن كەلگەنلەردىن جۈمە نامىزىغا ساقلاپ ئولتۇرىدىغانلار ساقلاپ ئولتۇرسۇن، ئۆيىگە قايتىپ كېتىشنى خالىغانلارغا رۇخسەت قىلدىم، قايتىپ كەتسۇن دېدى.

8-ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى ھېيت بىرگە كەلگەن كۈندە: جۈمە نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلغانلار جۈمە نامىزى ئوقۇسۇن، جۈمەگە كەلمەي ئۆيىدە ئولتۇرۇشنى خالىغانلار ئۆيىدە ئولتۇرسۇن دېدى. بۇ ئەسەرنى ئابدۇراززاق “ئەلمۇسەننىف”تە رىۋايەت قىلغان، ئىبنى ئەبى شەيبەدىمۇ ئاشۇنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىنغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھى ھەدىسلەر، بىر قانچە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەر ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ پىقھى ھۆكۈملىرىگە ئاساسەن دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ:

1-ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشى ئۈچۈن جۈمە نامىزىغا قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنغان، ئۇ پېشىننىڭ ۋاقتىدا پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ، ئەگەر رۇخسەتنى قويۇپ كەسكىنلىكنى تۇتۇپ، كىشىلەر بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا، بۇ ياخشى.

2-ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغان كىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن جۈمە نامىزىنىڭ ۋاجىپلىقى بىكار بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ جۈمە نامىزى ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشى زۆرۈر. جۈمە نامىزى ئوقۇغۇدەك جامائەت بولمىسا، پېشىن ئوقۇيدۇ.

3-جۈمە مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۈچۈن بۇ كۈندە جۈمە نامىزى ئوقۇشنى خالىغان ۋە ھېيت نامىزىغا قاتناشمىغان كىشىلەرنىڭ جۈمە نامىزى ئوقۇشى ئۈچۈن مەسچىتتە جۈمە ئوقۇشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر جۈمە ئوقۇغۇدەك جامائەت ھازىر بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.

4-ھېيت نامىزىغا قاتنىشىپ، جۈمە نامىزىغا قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنغان كىشى پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەندە پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ.

5-بۇ كۈندە جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەردە ئەزان ئوقۇلمايدۇ، شۇنىڭدەك بو كۈندە پېشىن نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلمايدۇ.

6-“ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشى شۇ كۈندە جۈمە نامىزى ۋە پېشىن نامىزى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ” دېگەن سۆز توغرا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار ئۇنى ئېتىبارغا ئالماي، ئۇنى خاتالاشقانلىق، سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق ۋە دەلىلسىز ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىدىن بىر پەرىزنى بىكار قىلغانلىق دەپ ھۆكۈم چىقاردى، بەلكىم بۇ سۆزنى قىلغۇچىغا ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى پەرھىز ئىكەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىس ۋە ئەسەرلەر يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

[ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى].

پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئالى شەيخ.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇراھمان غەديان..شەيخ بەكىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەبۇ زەيد.. شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەل پەۋزان.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

[ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى]

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android