2,480

ئىماننىڭ ئاساسى ۋە شاخچىلىرى توغرىسىدا

سوئال: 10839

ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە، كىتابلارغا، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا ئىشىنىش بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىكى:ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرەلەيمىز؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىمان دېگەن ئەقىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسى ئالتىدۇر. بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورىغان ھەدىستە بايان قىلىنغان: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا ئىشىنىشتۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ئەمما ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىمان بولسا يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىش-ئەمەللەرنى ئىمان دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەن:  وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ  تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى(يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى)بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر. [سۈرە بەقەرە 143-ئايەت]. تەپسىرشۇناس ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ دېگەن بولىدۇ، چۈنكى ساھابىلار كەبىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئەقسا مەسچىتىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان ئىدى.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

[شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى 1-توم 54-بەت].

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android