815

ئېتىكاپ قىلغۇچى تىلىپۇن ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سوئال: 106538

ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ جەريانىدا تىلىپۇن ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، ئېتىكاپ قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، مەسچىتتە تۇرۇپ سىرتقا چىقماي تىلىپۇن ئالاقىسى قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مەسچىتتىن چىقمىدى، تىلىپۇن مەسچىتنىڭ سىرتىدا بولۇپ قالسا مەسچىتتىن سىرىتقا چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولسا، ئېتىكاپ قىلمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئېتىكاپ قىلىشتىن مۇھىمدۇر، بۇنىڭ مەنپەئەتى باشقىلارغا يېتىدۇ، كۆپ كىشىلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئىش، مەنپەئەتى مەلۇم كىشىلەرگە  چەكلىنىدىغان ئىشتىن ياخشىدۇر. لېكىن مەنپەئەتى ئىسلامنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا چەكلىنىدىغان بولۇپ قالسا بۇ ئايرىمدۇر.  [شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ. "روزىنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئېتىكاپقا ئالاقىدار پەتىۋالار"  35 -بەت].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android