1,939

زىنادىن تۇغۇلغان ھەمشىرىسىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سوئال: 105913

   دادام  تاغامنىڭ ئايالى بىلەن خاتا ئىش قىلىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئايالدىن بىر قىز تۇغۇلدى، ئۇ قىز چوڭ بولۇپ توي قىلىپ ئۇمۇ بىر قىز تۇغدى، مەن ئۇ قىزغا توي تەكلىپى قويسام شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زىنادىن تۇغۇلغان قىزنى زىناخور ئەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ  نىكاھىغا ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك زىنادىن تۇغۇلغان قىزنىڭ قىزى بىلەن زىناخور ئەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ توي قىلىشىمۇ توغرا بولمايدۇ.

    بۇ قىز سىزنىڭ زىنادىن تۇغۇلغان ھەمشىرىڭىزنىڭ قىزى بولىدۇ، سىزنىڭ بۇ قىز بىلەن توي قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئۆزىنىڭ زىنادىن تۇغۇلغان قىزى، ھەمشىرىسى، ئوغلىنىڭ قىزى، قىزىنىڭ قىزى ۋە ھەمشىرىسى ۋە قېرىندىشىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ". ["ئەل مۇغنى"7-توم 91-بەت].

    بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئەمما كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ  قارىشىنى تۇتۇش ئېھتىياتچانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىز ئۇ قىزچاققا مەھرەم بولىسىز دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، سىزنىڭ ئۇ قىزچاققا قارىشىڭىز، يالغۇز تۇرىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، چەكلىمە پەقەت توي قىلىشنىڭ دۇرۇس بولماسلىقىدۇر، بۇنىڭدىن يەنە سىزنىڭ مەھرەم بولۇپ ئۇ قىزچاق بىلەن دائىم يالغۇز جايدا بىرگە تۇرىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەسكىن ھارام دېگەن زىنا قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن ھاراملىق ئىسپاتلىنىدۇ، ئەمما مەھرەملىك ۋە دائىم قاراش دۇرۇس بولىدۇ دېگەنلىك ئىسپاتلانمايدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android