ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى تاھارەتسىز ئوقۇسا بولامدۇ؟

2,262

سوئال 105359

ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى تاھارەتسىز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى تاھارەتسىز ئوقۇسا توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتەتتى. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى].

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان، شەيخ سالىھ پوۋزان، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ ۋە شەيخ بەكر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى 24-توم 233-بەت].

مەرجەلەر

شەرئېي زىكرىلەر

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play