بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەدىستىكى سالات دېگەن سۆزدىن ئۇلارنىڭ جەننەتكە كېرىشى ۋە دوزاختىن نىجات تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].
مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھدىندۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 24-توم 219-بەت: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز.. شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد].