0 / 0

تۇنجى پەرزەنتى قىز بولغان كىشى ئۈچۈن بىرەر پەزىلەت بارمۇ؟

سوئال: 100402

تۇنجى پەرزەنتى قىز بولغان كىشى ئۈچۈن بىرەر پەزىلەت ياكى ئەۋزەللىك بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەرزەنتلەرئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان سوغاتتۇر.بەندىلەرنىڭ رىزقلىرى ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرىئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، نېمەتنى ئاللاھتائالا بېرىدۇ ياكى چەكلەيدۇ، ئىززەتلىك قىلىدۇياكى خار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-ئېھسانىنىقايتۇرغۇچى ۋە ھۆكۈملىرىنىتەكشۈرگۈچى ياكى ھېسابىنى ئالغۇچى بولمايدۇ.ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: لِّلَّـهِ مُلْكُالسَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُۚ يَهَبُ لِمَن يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَن يَشَاءُ الذُّكُورَ، أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًاۖ وَيَجْعَلُ مَن يَشَاءُ عَقِيمًاۚإِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌتەرجىمىسى: ئاسمانلارنىڭ ۋەزېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنىخالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىزپەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇلپەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنىئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممىگە قادىردۇر. [سۈرە شۇرا 49-50ئايەت].

شەيخئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۇئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ پادىشاھلىقىنىڭچەكسىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋەبۇيرۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنىئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىنىبارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە ئىدارە قىلىدۇ.ئومۇمى جەھەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشىبولسا، بەندىلەر بىۋاستە ئۆزى باشقۇرىدىغانسەۋەبلەرنى پەيدا قىلىپ بېرىشنىمۇئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: نىكاھلىنىشپەرزەنتنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈنسەۋەبدۇر. ئاللاھئىنسانغا ئۆزى خالىغان پەرزەنتلەرنى بېرىدۇ.ئىنسانلارنىڭ بەزىسىگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلسا،بەزىلىرىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.بەزىلىرىگە قىز-ئوغۇل پەرزەنتنى بىللە ئاتاقىلسا، بەزى كىشىلەرنى ئەۋلاد قالدۇرمايدىغانقىلىدۇ.

ئاللاھتائالا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزقۇدرىتى بىلەن مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىدۇۋە ۋايىغا يەتكۈزۇپ قىلىدۇ.ھەممە ئىشنى ئۆز ئىلمى بىلەن تەسەررۇپقىلىدۇ”.

قىزلارنىياخشى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشىخەۋەر ئىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھھەدىسلەر بايان قىلىنغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىككى قىزىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقانكىشى قىيامەت كۈنى مەن بىلەن يېقىن بولىدۇدەپقولىنىڭ بارماقلىرىنىيۇمدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2631].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: ئۈچ قىزىياكى ئۈچ ھەمشىرىسى، ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بار كىشىئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا ئۇلارنىڭھەققىنى ئادا قىلسا، ئۇ كىشىگە جەننەتبېرىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 1916-ھەدىس.ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5147-ھەدىس. ئىبنىماجە رىۋايىتى 3669-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىيسەھىھ دەپ قارىغان].

ئەمماتۇنجى پەرزەنتنىڭ قىز بولىشىنىڭ پەزىلىتىتوغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر زەئىپ ياكىتوقۇلمىدۇر.

ئىمامھاپىز ئەسساخاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنەھ ناملىق ئەسىرىنىڭ1-توم 677-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئايالكىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى تۇنجى قېتىم قىزتۇغۇشىدۇردېگەن ھەدىسى، ئىمام دەيلەمىيۋاسىلەتە ئىبنى ئەلئەسقەئدىنرىۋايەت قىلغان: «ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىتۇنجى قېتىم قىز تۇغۇشىدۇر. سىلەر ئاللاھتائالانىڭ يَهَبُ لِمَن يَشَاءُ إِنَاثًاتەرجىمىسى: خالىغان ئادەمگە قىزپەرزەنت ئاتا قىلىدۇ دېگەن سۆزىنىئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتنى قىزپەرزەنت بىلەن باشلىدى،» دېگەن ھەدىسى،شۇنداقلا ئائىشە ئانىمىزنىڭ بايان قىلغانلىقىرىۋايەت قىلىنغان: ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىكبولىشى؛ يولدىشىغا تويلۇقنى يەڭگىل سىلىشى ۋەتۇنجى قېتىم قىز تۇغۇپ بېرىشىدۇر،دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھەدىسزەئىپتۇر.

ئىمامسۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ پەتىۋا كىتابىدا:بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس دېگەن.[“كەشپۇل خەفا” ناملىق ئەسەر2-توم287-بەتكە قارالسۇن].

شەيىخئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ: ئايال كىشىنىڭبەرىكەتلىك بولىشى تۇنجى قېتىم قىزتۇغۇشىدۇردېگەن ھەدىسنى توقۇلما ھەدىس دەپ قەيتقىلىدۇ. [“توقۇلما ۋە زەئىپ ھەدىسلەر”ناملىق ئەسىرى 9-توم 142-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىنتوغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android