0 / 0

زاكاتنى دۇنيالىق (ياكى پەننى) بىلىم ئىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىغا بېرىش توغرىسىدا

سوئال: 95418

سىڭلىمنىڭ يولدىشى كۆپ ئىش قىلمايدىغان، بېخىل، ئائىلە-بالىلىرىغا خىراجەت قىلىپ بەرمەيدىغان بىر كىشى. سىڭلىم مەمۇرىي كادىر بولۇپ، ئائىلىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۇ قىلىدۇ. سىڭلىم ھازىر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دىپلومغا ئېرىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەگەر دىپلوم ئالالمىسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىمنى سىڭلىمغا بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

زاكاتنى ئوقۇشخىراجىتىدىن قىسىلىپ قالغان پەننى مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىغا بەرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.يەنى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇۋاتقانكەسپى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان توغرا كەسىپبولسا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشپۈتتۈرۈپ، دىپلوم ئىلىپ، بىرەر خىزمەتتېپىۋالغۇچە قەدەر زاكاتتىنبەرسەبولىدۇ.كۆپ ۋاقىتلاردا، ئىنسان بىرەر خىزمەت تېپىپتۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوقۇشپۈتتۈرۈپ شاھادەت ئىلىشقا ئېھتىياجلىقبولىدۇ.

ئىمام مىرداۋىيرەھىمەھۇللاھ “ئەلئىنساف” ناملىق ئەسىرى3-توم 218- بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “شەيختەقىييىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: ئىنسانئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىقمەنپەئەتى ئۈچۈن بىلىش زۆرۈر بولغانئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، باشقىلار بەرگەنزاكاتنى ئىلىپ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىقبولغان كىتابلارنى سېتىۋالسابولىدۇ، دېگەن قاراشنى تاللىغان.” بۇ توغراقاراشتۇر. تۈگىدى.

خۇلاسە:يۇقىرىقى قاراشلارغا ئاساسەن، سىز سىڭلىڭىزغازاكىتىڭىزدىنبەرسىڭىزدۇرۇس بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android