ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
41008/رمضان/1445 , 18/مارت/2024

ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماي قۇسقان كېشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ

سوئال: 95296

  شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇۋاتقان ئېدىم، بەشىنچى كۈنى جۈمە كۈنى بولدى، جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە سەھەرلىك يېگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇسىۋەتتىم، شەنبە كۈنىمۇ شۇنداق بولدى، مەن قەستەن قۇسمىدىم، تەبىئىي قۇسۇق كەلدى مەن ئۇنى كونتۇرۇل قىلالمىدىم، مېنىڭ بۇ ئىككى كۈندە تۇتقان روزام توغرا بولامدۇ ياكى قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. تۇتقان روزىڭىز توغرا، قۇسۇشتىن ئىبارەت ئاشقازاننى بىكار قىلىشنىڭ سىزنىڭ روزىڭىزغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى قۇسۇق قەستەن بولماستىن بەلكى تەبىئىي كەلگەن ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سىزنىڭ روزىڭىز توغرا بولىدۇ، ئەمما قەستەن قۇسقان كىشى بولسا ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەبىئىي قۇسۇق كېلىپ ئۇنى كونتۇرۇل قىلالمىسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما قەستەن قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ» تىرمىزى رىۋايىتى720-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى" 3-توم 23-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " قەستەن قۇسقان كىشى شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، تەبىئىي قۇسقان كىشىگە روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ ئومۇمى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

   خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن رامزاندا قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر قەستەن قۇسقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئەمما ئىختىيارسىز قۇسقان بولسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

   ئەگەر سىز كونتۇرۇل قىلالماي قۇسقان بولسىڭىز، بۇنىڭ بىلەن روزىڭىز بۇزۇلمايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاشقازىنىنىڭ كۆپۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئېچىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىدىغانلىقىنى ھېس قىلسا بىز ئۇنىڭغا: سېنىڭ ئۇنى قۇسۇشتىن چەكلىشىڭ كېرەك بولىدۇ دەيمىزمۇ؟ ياق، ئۇنى تارتىپ چېقىرىۋەتكىن دەيمىزمۇ؟ ياق، لېكىن بىز ئۇنىڭغا: بىتەرەپتە تۇرغىن، قەستەن قۇسمىغىن ۋە قۇسۇشنى چەكلىمىگىن، ئەگەر سەن قەستەن قۇسساڭ،  روزاڭ بۇزۇلىدۇ، ئەگەر قۇسۇقنى چەكلەپ تۇرساڭ، سالامەتلىككە زىيانلىق بولىدۇ، ئۆز ھالىغا قويۇۋەتكىن، سىنىڭ ھەرىكىتىڭسىز تەبىئىي چىقسا ئۇنىڭ ساڭا زىيىنى بولمايدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن روزىمۇ بۇزۇلمايدۇ دەيمىز". ["روزا ھەققىدە پەتىۋالار" 231-بەت].

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
GlobalGreenIconتىلنى ئۆزگەرتىش

downloadئىنتىرنىتقا ئۇلانماغلىق

    چۈشۈرگىلى بولىدىغان تىللار

      تىل ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرەمسىز؟

      Wasl

      شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش ۋەدىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بىز سىزگە مەلۇماتلىرىڭىزنى بىخەتەر باشقۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 'سىجىل' قورالىنى تەقدىم قىلىمىز.

      Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

      answer
      ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
      ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

      New List