0 / 0

ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ

سوئال: 45855

ئىسلام غېرىبلىق ھالەتتە باشلاندى يەنە غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ دېگەن ھەدىس توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ئىسلام غېرىبلىقھالەتتە باشلاندى يەنە ئەسلىدىكىگە ئوخشاشغېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ، غېرىبلەرگەخۇش بىشارەت بولسۇن.[مۇسلىم رىۋايىتى 145-ھەدىس].

ئىمام سىندىيئىبنى ماجە ناملىق ئەسەرگە يازغان شەرھىسىدە،يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:”غېرىپ دېگەنسۆز: ئۇرۇغ-تۇغقىنى ياكىئەھلى-ئەۋلادلىرى ئاز دېگەن مەنانىبېرىدۇ. يەنە غېرىپدېگەن سۆز: ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقبولغۇچى دېگەننىمۇ ئىپادىلەيدۇ.ھەدىستىكى: «ئەسلىدىكىگە ئوخشاشغېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ» دېگەننىڭمەنىسى: گەرچە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياكىئەھلى-ئەۋلادلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئىسلامغاياردەم بېرىدىغان، دىننى تۇرغۇزىدىغان كىشىلەر ئازبولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. «غېرىبلەرگەخۇش بىشارەت بولسۇن» دېگەننىڭمەنىسى: ئىسلام دىننىڭ ھەقىقى تەقەززاسىبىلەن ھايات كەچۈرىدىغانلار يوقىلىۋاتقان بىر زاماندا،ھاياتىدا شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىغۇچىلارغا جەننەتبىلەن خوش-خەۋەر بولسۇن،دېگەنلىكتۇر”. بۇ ھەدىستە ئىسلامغاياردەم بېرىش، دىنى ئىشلارنى تۇرغۇزۇشئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىنىڭ، ئىسلامنىڭدەسلەپكى باسقۇچىدا مۇسۇلمانلار دۇچكەلگەن ۋەزىيەتكە ئوخشاش،ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىق ۋەغېرىبلىقنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەبىرقىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ قازىي ئىيازدىننەقىل قىلىپ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە، بۇھەدىسنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپمۇنداق دەيدۇ: “شۈبھىسىزكى، ئىسلامدەسلەپتە ئازغىنە كىشىلەر بىلەن باشلاندى،ئاندىن كىيىن ئاشكارا ھالەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسىجايلىرىغا تارقالدى، ئۇنىڭدىن كىيىن، ئۇنىڭغابەزەن كەمچىللىك ۋە نۇقسانلاريېتىدۇ، ئاخىرىدا، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى باشلانغانھالىتىدەك، ئازغىنە كىشىلەرلا قالىدۇ”.تۈگىدى.

سەئۇدىئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات ئىلمى تەتقىقاتپەتىۋا كومىتېتى بۇ ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپمۇنداق دېگەن: “يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭمەنىسى: ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىدەسلەپتە دىنغا دەۋەت قىلغان ۋاقىتتاكىشىلەر بىر-بىرلەپ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان. ئۇۋاقىتتا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنتايىن ئازبولۇپ، دىن غېرىبلىق ھالەتتە بولغان.مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمرانلىق ۋەزۇلۇم قىلىدىغان دىن دۈشمەنلىرىگەنىسبەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز،كۈچ-قۇۋۋىتى ئاجىز ئىدى، ھەتتائۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز دىنىنى ساقلاپ قىلىش، پىتنىدىنساقلىنىش، زالىملارنىڭ زۇلمى ۋە سىياسى بېسىمىدىن،قۇل قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەبەشىستانغا(ھازىرقى ئېپوپىيە) ھىجرەت قىلىپ كەتكەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ دىندۈشمەنلىرىنىڭ ئازار-كۈلپەتلىرى چېكىدىنئېشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاللاھتائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، مەككەمۇكەررەمە شەھرىدىن مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىگەپەرۋەردىگارىدىن ئۆزىنىڭ دەۋەتۋە چاقىرىقىنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا ياردەمبېرىدىغان ياخشى كىشىلەرنى ئۇچراشتۇرۇشنىئارزۇ قىلىپ ھىجرەت قىلغان.

ئاللاھ تائالاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئارزۇسىنىرېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، مەدىنىدە ئەنسارىلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغائاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دىنغاياردەم بەردى. ئاللاھ تائالا دىنغا ياردەم بەرگۈچىقوشۇنلارنى كۈچلەندۈرۈپ، بەندىسىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەمبەردى. نەتىجىدە؛ مەدىنىدە ئىسلام دۆلىتىقۇرۇلدى، ئىسلام زېمىننىڭ ھەر قايسىتەرەپلىرىگە تارالدى. دىنسىزلىق-كۇپىرلىقتەلىماتلىرى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ،ئاللاھنىڭ سۆزى-دىنى ئالى ۋە يۈكسەك بولدى.ئاللاھ تائالا غالىبتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىشقىلغۇچىدۇر، ئىززەت، شان-شەرەپ ئاللاھ تائالاغا،ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۆمىنلەرگەمەنسۇپتۇر. ئىسلام دىنى ئۇزۇن ۋاقىت شۇبويىچە داۋاملاشتى، ئاندىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدابۆلگۈنچىلىك، قورقۇنچ، ئاجىزلىق ۋەپىتنە-پاساتلار يامرىدى، ئۇلار تەدرىجى ئاجىزلىشىش نەتىجىسىدە،ئىسلام دەسلەپكى باشلانغان ۋاقتىدىكىدەك غېرىبلىقھالىتىگە قايتتى. لېكىن بۇ مۇسۇلمانلارنىڭسان جەھەتتە ئاز بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى،بۇ ئۇلارنىڭ دىنغا چىڭ ئىسىلمىغانلىقى، ئاللاھنىڭكىتابىغا تولۇق ئەمەل قىلمىغانلىقى، ئاللاھ توغرا يولدامۇستەھكەم قىلغان ئازغىنە كىشىلەردىنباشقىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۈننەتلىرىدىن خەۋەرسىز قىلىپ،نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزنەپسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دۇنياغابېرىلىپ كېتىشى، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمال-دۇنيادا بەسلەشكەندەك بىر-بىرى بىلەنبەسلىشىپ، ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ھوقۇق تالىشىپ قانتۆكۈشىدىن ئىبارەت دىننىڭ سىرتىدىكى ئىشلار بىلەنئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىدىندۇر. دىن دۈشمەنلىرىبۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغاسۇقۇنۇپ كېرىپ، دۆلەت ۋەشەھەر-رايونلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى قۇل قىلىپ،زېمىن ئەھلىنى خار قىلىپ ئۇلارغا تۈرلۈك ئازابلارنىتېتىتتى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپتەباشلانغاندەك غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىشىدۇر.

شەيخمۇھەممەد رەشىد رىزا قاتارلىق بىر بۆلەكئالىملار: بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقغۇربەتچىلىكتىن كېيىن قايتىدىن غەلبە قىلىدىغانلىقىنىڭبېشارىتى دەپ قاراپ، بۇ قاراشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «يەنەئەسلىدىكىگە ئوخشاش غېرىبلىق ھالىتىگە قايتىدۇ»دېگەن سۆزىگە ئوخشىتىپ، بۇ ھەدىس خۇددىدىن تۇنجى قېتىم تارقىلىپ غۇربەتچىلىككە دۇچكەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار غەلبەقىلىپ ئىسلامنى تارقاتقىنىغا ئوخشاش، ئىككىنچى قېتىملىقغۇربەتچىلىكتىن كېيىنمۇ دىننىڭ تارقىلىدىغانلىقىۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبەقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر.

بۇقاراش روشەن توغرا قاراشتۇر. چۈنكى بۇ قاراشنى ئىماممەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، ئىسائەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپمەھدىيگە ياردەملىشىپ دەججالنىئۆلتۈرىدىغانلىقى، ئىسلامنىڭ كەڭ تارقىلىپ،كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقى ۋەكاپىر بەدبەختلەرنىڭ يەر بىلەن يەكسانبولۇپ يوق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەركۈچلەندۈرىدۇ.

جانابى ئاللاھھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەققىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋەئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android