ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
3,00513/ذو القعدة/1435 , 08/سېنتەبىر/2014

پەرز ھەجنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا

سوئال: 26714

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرقلۇق سەۋەبسىز پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەج قىلىشقا ماددى ۋە سالامەتلىك تەرەپتىن قادىر بولۇپ تۇرۇپ، پەرز ھەجنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەن كىشى كەسكىن خاتالاشقان ۋە چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. ئۇ كىشى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە تىزدىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللَّـهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى: قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر. [سۈرە ئال- ئىمران 97-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيىھسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلدى: 1-بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ۋە راستچىل ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بېرىش. 2- بەش ۋاقىت نامازنى بەرپا قىلىش. 3- مال-مۈلكى نىسابىغا يەتسە زاكات بېرىش. 4- ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش. 5-بەيتۇللاھقا بېرىپ-كېلىشكە قۇدرىتى يەتكەن كىشى ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشتۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام توغرىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىسلام دېگەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىمان قەلتۇرۇشۇڭ، نامازنى بەرپا قىلىشىڭ، زاكات بېرىشىڭ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ، قادىر بولالىساڭ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىشىڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر، دەپ جاۋاپ بەرگەن. [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە

مەنبە

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 16-توم 359-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن]

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
GlobalGreenIconتىلنى ئۆزگەرتىش

downloadئىنتىرنىتقا ئۇلانماغلىق

    چۈشۈرگىلى بولىدىغان تىللار

      تىل ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرەمسىز؟

      Wasl

      شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش ۋەدىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بىز سىزگە مەلۇماتلىرىڭىزنى بىخەتەر باشقۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 'سىجىل' قورالىنى تەقدىم قىلىمىز.

      Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

      answer
      ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
      ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

      New List