0 / 0

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ دۇئا قىلغانمۇ؟

سوئال: 234379

مەن 16 ياشقا كىرگەن مۇسلىمە قىز، ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيلەر بولسۇنكى، شىئەلەرنىڭ شەك-شۈبھىلىرىگە رەددىيە بىرەلەيمەن، لىكىن ئۇلار ماڭا مەن رەددىيە بېرەلمەيدىغان بىر ھەدىسنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ بەددۇئا قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

بىرىنچى:بىر قانچە ھەدىس توپلاملىرىدا ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋەقەلىكىتوغرىسىدىكى سەھىھ ئىسناد بىلەن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇسنەدتە (40/303)ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقل قىلغانھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممېنىڭ يىنىمغا بىر ئەسىرنى ئىلىپ كىردى، مەنئۇنىڭ بىلەن ئويۇن قىلسام ئۇ چىقىپ كەتتى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىنىمغا كىرىپ: ئەسىيرنىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ دېدى، مەن: ئاياللاربىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئويۇن قىلساق ئۇچىقىپ كەتتى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:نېمى ئۈچۈن ئۇنداق قىلدىڭىز؟،ئاللاھ تائالا قولىڭىزنىئۈزىۋەتسۇن! دېدې.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىقىپكىشىلەرگە ئەھۋالنى بىلدۈردى، ئۇلار ئۇئەسىرنى ئىزدەپ تىپىپ كەلدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يىنىمغاكىرگەندە مەن قوللىرىمنى ئۆرۈپ-چۆرۈپئولتۇراتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:نېمە بولدى؟ نېمە قولىڭىزنىئۆرۈپ-چۆرۈپ ئولتۇرىسىز؟ دېدى. مەن:سىلە ماڭا دۇئا قىلدىلا، مەن قايسى قولۇمئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندۇ دەپ قوللىرىمغاقاراۋاتىمەن دېدىم،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغاھەمدۇ-سەنا ئېيتقاندىن كىيىن قولىنىكۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن ئىنسان، باشقائىنسانلار ئاچچىقلانغاندەك ئاچچىقلىنىمەن، ھەر قانداقمۆمىن ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن ئاچچىقلاپ دۇئا قىلغانبولسام، ئۇ دۇئانى شۇ كىشى ئۈچۈن پاكلىقۋە رەھمەت قىلغىن، دېدى. بۇھەدىسنىڭ ھېچ قايسى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانى ئەيىپلەيدىغان بىرەر مەنانىئىپادىلىمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى:

1-بۇ ۋەقەلىكتە ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا ھېچ بىركىشىنى دىندا ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە ئەيىپلەيدىغان بىرەرسۆزنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، بۇۋەقەلىكنى ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئۆزى خەۋەر بەرگەن، بۇپەقەت ئادەتتىكى شۇنداق بىر ۋەقە،بۇنىڭدا ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ دىنىغا ئالاقىدار بولغان ھېچ ئىش يوق.

2-بۇۋەقەلىكتە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ئارتۇقچىلىقى بايان قىلىنىدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇۋەقەلىكتە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا ئەنسىرىگەن دۇئانىڭ ئورنىغابېرىلىدىغانرەھمەت،پەزىلەت ۋە گۇناھتىن پاك بولۇشتىنئىبارەت مۇكاپاتنى بايان قىلىپ بەرگەن.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇۋەقەلىكنىڭ ئاخىرىدا: ئىئاللاھ! مەن ئىنسان، باشقا ئىنسانلار ئاچچىقلانغاندەكئاچچىقلىنىمەن، ھەر قانداق مۆمىن ئەر ياكى ئايالئۈچۈن ئاچچىقلاپ دۇئا قىلغان بولسام، ئۇ دۇئانىشۇ كىشى ئۈچۈن پاكلىق ۋە رەھمەتقىلغىن، دېگەن.

3-بۇ ھەدىستە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈنچوڭ خوش-خەۋەر بايان قىلىنغان، ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاللاھ تائالانىڭھوزۇرىدا كامىل مۆمىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: ئى ئاللاھ!ھەر قانداق مۆمىن ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن ئاچچىقلاپدۇئا قىلغان بولسام، ئۇ دۇئانى شۇ كىشى ئۈچۈنپاكلىق ۋە رەھمەت قىلغىن، دېگەن.

4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستەئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇبەددۇئاغا لايىق ئەمەسلىكىنى ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھاغا شەرئى سەۋەپبىلەن بەددۇئا قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلابۇ دۇئانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۆزىنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتى بىلەن قىلغان،شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر بەددۇئادىنكىيىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ بۇ دۇئانى ئۇلارئۈچۈن رەھمەت ۋە پاكلىق قىلىپ بېرىشىنىتىلىگەن.

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن قىلىنغان بىرىنچىدۇئا ئىجابەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولى كېسىلمىگەن،دۇئادا بايان قىلىنغان ھېچ نەرسە بولماستىن ئاللاھ تائالارازى بولغان ھالەتتە ۋاپات بولغان. ھەدىسنىڭئاخىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھائۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىنغان، مانا بۇئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىمانىنىڭكامىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىشارەتتۇر.

بىزنىھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق كىشىلەر باركى، ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا پەزىلىتى، ئارتۇقچىلىقى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەتپاك نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇنىڭئۈچۈن ھەممىدىن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىتوغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغانتۇرۇغلۇق، ئۇلار ھەقىقەتتەئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئالاھىدىلىكىبايان قىلىنغان مۇشۇنداق ھەدىسلەرنىكەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىچۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

ئىككىنچى:دىققەت قىلىش مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئازغۇنلار بىلەنمۇنازىرە قىلىشقاندا، ئۇلارنىڭ شەكلىك پىكىرلىرىنىئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇلارغا پەقەت شەرئىئىلىملەرنى ياخشى بىلگەن، مۇشۇنداقشۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىشكە قادىربولالايدىغان كىشىلەر مۇنازىرە قىلىشى كېرەك.شەرئى ئىلىمدىن تولۇق مەلۇماتى بولمىغان كىشىنىڭئازغۇن كىشىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاقسىلىشى ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشى توغرابولمايدۇ.

سەلەپئالىملىرىدىن بىئەتچىلەر ۋە ئازغۇن كىشىلەربىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش ۋەئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سىلىشتىنچەكلىگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇنئەسەرلەر بايان قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈنسىزنىڭ يىشىڭىز ۋە ھازىرقى ئەھۋالىڭىز،دىنى بىلىملەرنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۈننەتلىرىنى ئۈگۈنىشكە بۇ يولدامۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈنتېرىشچانلىق قىلىشقا بەك مۇۋاپىق كىلىدۇ،بىدئەتچى ئازغۇنلاردىن يىراق بولۇڭ، ئۇلارنىڭسەپسەتىلىرىگە قۇلاق سالماڭ، سىزئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە تولۇقرەددىيە بەرگىدەك ئىلىم-مەرىپەت ھاسىلقىلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن مۇنازىرەقىلىشماڭ.

ھەممىدىنياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android