0 / 0

ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بىر زالغا يىغىلىشى توغرىسىدا

سوئال: 226560

مەدەنىيەت كۇلۇبىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش زالىدا ئەرلەر ئالدىدا، ئاياللار زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشى توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر ئارىسىغا پەردە تارتىلسا، ئارقىدا ئولتۇرغان ئاياللار كۆرسىتىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئەرلەردىن ئايرىپ باشقا بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەت تىلېۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

كۇلۇبتا شەرئىنۇتۇق ياكى پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىئىلىپ بېرىلىدىغان بولسا، ئاياللار ئۆزىنىڭ تولۇقشەرئى ھىجابى بىلەن قاتناشسا، ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئارىلىشىشبولمىسا، ئۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتكە زىت كىلىدىغانئىشلار بولمىسا، ئەرلەر زالنىڭ ئالدى تەرىپىدىكىئورۇنلاردا، ئاياللار مۇۋاپىق ئارىلىق قويۇپئۇلارنىڭ كەينىدە ھىجابى بىلەن ئولتۇرغانبولسا، ئاۋازىنى كۆتۈرمەستىن ھەممەبىردەك پايدىلىق نۇتۇقنى ئاڭلىسا، گەرچەئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە بولمىسىمۇدۇرۇس بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى 129693-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

بىر كىشى شەيخ ئىبنى بازرەھىمەھۇللاھدىن: بىزنىڭ مەسچىتتە،ئاياللارنى ئەرلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئايرىم جاي بولۇپ،بۇ جايغا تام توسۇلغان، ئاياللار ئىمامنىڭ ئاۋازىنىۋە دەرسلەرنىمىكرىپۇن ئارقىلىق تىڭشايدۇ، جامائەت ئارىسىدىنبىركىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: ئەرلەر سەپتۈزىدۇ، ئاندىن كىچىك بالىلار سەپ تۈزىدۇ، ئاندىنئاياللار سەپ تۈزىدۇ دېگەن، ھەدىسكەئاساسەن ئارىدىكى تامنى ئىلىۋېتىشنى ئوتتۇرىغاقويىۋىدى، جامائەت ئارىسىدا زور ئىختىلاپ پەيدا بولدى، بۇمەسىلىگە قارىتا سىلە قانداق كۆرسەتمەبېرىلا؟ دەپ سورىغاندا،شەيخ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپمۇنداق دېدى: بۇنىڭ ھەممىسىدە ھېچقىيىنچىلىق يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭدەۋرىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىرگەئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ نامازئوقۇتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام ياكىتوسۇپ تۇرىدىغان پەردە-توساق دېگەندەكنەرسىلەر بولمىغان، ئۇلار سەپنىڭ ئاخىرىداتۇرۇپ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە نامازئوقۇغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ئەرلەرنىڭسېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، ياخشىبولمىغىنى ئاخىرقى سەپتۇر، ئاياللارنىڭ سېپىنىڭئەڭ ياخشىسى ئاخىرقى سەپتۇر، ياخشى بولمىغىنى ئالدىنقىسەپتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

چۈنكى ئاياللار سېپىنىڭئەۋۋىلى ئەرلەرگە يېقىندۇر،ئەگەر ئاياللار مەسچىتنىڭ تۆۋەنتەرىپىدە ئەرلەرنىڭ كەينىدەپەردە تارتىپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، تامتوسۇش ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئوتتۇرنىتوسۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. ئەگەر تام بىلەنتوسسا ياكى پەردە بىلەن توسسا، ئاياللارمۇچۈمبەللىرىنى ئىلىپ، يۈزلىرىنى ئىچىپ راھەتئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قىرائەتنى ۋەباشقا دەرسلەرنى مىكرىپۇن ئارقىلىق ياكى ئىمامنىڭئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلايدۇ، بۇنىڭدا ھېچقىيىنچىلىق يوق. ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇمەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار”.

ئەگەر ئارىغا رىشاتكىلارنى قويسائاياللارمۇ ئىمام ۋە جامائەتنى كۆرسەۋە ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا بولىدۇ،بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بولۇپ، قاتتىقلىق قىلىش توغرابولمايدۇ، ئارىدا تام بولسۇن ياكى پەردە ياكىرېشاتكا بولسۇن ۋەياكى ھېچ نېمەبولمىسۇن بۇنىڭ ھەممىسى دۇرۇس بولىدۇ.ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭدەۋرىدىمۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭئارىسىدا ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام، توساق، پەردەدېگەندەك نەرسىلەر بولمىغان، ئۇلارئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ نامازئوقۇغان ئىدى”. [نۇرۇل ئەلەددەربىپەتىۋالىرى” 12-توم 267-269-بەتلەر].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android