0 / 0

ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرى سانىدا ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشنى رەت قىلىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا

قىسقىچە جاۋاپ

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ھېيت نامىزىدىكى ئارتۇق تەكبىرلەر توغرسىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، نامازنى قايتا ئوقۇش توغرا بولمايدۇ. ھېيت نامىزىنى ھەر بىر جامائەت-گۇرۇھ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئوقۇش بولسا دىندا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك سېپىنى پارچىلاشتۇر، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولغان كىشى ئۈممەتنى بۆلىدىغان بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.     بىر قېتىم سەلەپى قاراش بويىچە يەنە بىر قېتىم ھەنەپىي قاراش بويىچە ھېيت نامىزى ئوقۇيمىز دېگەن سۆز توغرا ئەمەس. ھەممەيلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن ئىبارەت بىر يول بىلەن ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان، بۇ يول بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر. ساھابىلار ۋە باشقا ئىماملارنىڭ قىلىشقان ئىختىلاپلىرى يوللۇق ئىختىلاپ بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ ئۈچۈن كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭرى تۇتىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەق يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقەتكە بىرلەشتۈرسۇن.     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سوئال: 224032

ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان ئارتۇق تەكبىر ئالتىمۇ ياكى ئون ئىككىمۇ؟ چۈنكى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىزنىڭ ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن سەلەپى قاراشتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا چوڭ ئىختىلاپ بار، سەلەپىي قاراشتىكىلەر: بىز ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدىكىلەرگە ئەگىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇمايمىز، ئەگەر ئۇلار نامازدا 12 تەكبىرنى تولۇق ئېيتسا ئاندىن ئوقۇيمىز دەيدۇ، ئەمما ھەنەفىيلەر ئۇنداق قىلمايدۇ، شۈنىڭ ئۈچۈن ھېيت نامىزى بىر ئورۇندا ئوخشىمايدىغان ۋاقىتتا ئىككى قېتىم ئادا قىلىنىدۇ، شەرىئەتتە بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغۇدەك بىر يول تېپىلماسمۇ؟ يەنى بىر قېتىملىق ھېيت نامىزىنى ھەنەپىي مەزھىبى قارىشى بويىچە، يەنە بىر قېتىملىق ھېيت نامىزىنى سەلەپىي مەزھەب قارىشى بويىچە ئوقۇساق بولماسمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىبولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى ۋەساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرىبولسۇن.

بىرىنچى:بۇ ئىلگىرى ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە مەزھەپ ئىماملىرىئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىجتىھادىي مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ،بۇ مەسىلىدە ئۇلار ئون خىلدىن ئارتۇققاراشنى بايان قىلغان.

پىقھىئېنسىكلوپېدىيىسى13-توم209-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: مالىكى ۋە ھەنبەلىيئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتەئالتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىرئېيتىلىدۇ، بۇ قاراش مەدىنەمۇنەۋۋەرىدىكى يەتتە پىقھى ئالىمى ۋەئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز،زۆھرى ۋە مۇزەنىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

بۇنىڭدىنشۇ ئاشكارا بولدىكى، ئۇلار ناماز باشلاش تەكبىرىنى بىرىنچى رەكئەتتىكىئارتۇق تەكبىرگە قېتىپ يەتتە دەپ سانىغان،شۇنىڭدەك سەجدىدىن كېيىن ئىككىنچى رەگەتكەتۇرىدىغان تەكبىرنىمۇ ئىككىنچى رەكئەتتە ئېيتىلىدىغانبەش تەكبىرگە قېتىپ ھېسابلىغان.

ھەنەپىيمەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى ۋە ئىمام ئەھمەدتىنبولغان بىر رىۋايەتتە: ھېيت نامىزىدا ئارتۇق تەكبىردىنئالتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ، بىرىنچى رەكئەتتەئۈچ تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتەئۈچ تەكبىر ئېيتىلىدۇ. بۇ ئىبنى مەسئۇد،ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي، ھۇزەيپە ئەليەمانىي،ئۇقبە ئىبنىئامىر، ئىبنى زۇبەير، ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى،ھەسەن ئەلبەسرىي، مۇھەممەد ئىبنىسىيرىن، سۇپيان ئەسسەۋرىي ۋەكۇپە ئالىملىرىنىڭ قارىشى شۇنداقلا بۇ قاراش ئىبنى ئابباسرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇرىۋايەت قىلىنغان.

ئىمامشافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھېيتنامىزىدا ئېيتىلىدىغان ئارتۇق تەكبىر بىرىنچى رەكئەتتەيەتتە، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش قېتىم ئېيتىلىدۇ.

ئىمامئەينىي رەھىمەھۇللاھ ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغانئارتۇق تەكبىر توغرىسىدا ئون توققۇز خىل قاراشنى زىكىر قىلغان.

ئىمامشەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ئىسلام ئالىملىرى ئىككى رەكەت ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان،تەكبىرلەرنىڭ سانى ۋە ئورنى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپئون خىل قاراشنى بايان قىلدى، ئۇ قاراشلارنىڭ بىرىنچىسى: بىرىنچى رەكئەتتەقىرائەتتىن بۇرۇن يەتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ،ئىككىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى بەش تەكبىرئېيتىلىدۇدېيىلگەن.

ئىمامئىراقىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراش ساھابىلار،تابىئىنلار ۋە كۆپچىلىك مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

ئىككىنچىسى:نامازنى باشلاش تەكبىرى بىرىنچى رەكئەتتىكى يەتتە تەكبىرنىڭقاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەدۋە مۇزەنىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

ئۈچىنچى:بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە ۋە ئىككىنچى رەكئەتتەيەتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ، بۇ ئەنەسئىبنى مالىك، مۇغىرەتە بىن شۆئبە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭقارىشىدۇر.

تۆتىنچى:بىرىنچى رەكئەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن قىرائەتقىلىشتىن ئىلگىرى ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتەقىرائەتتىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ۋەئىبنى مەسئۇد ئەنسارى قاتارلىق ساھابىلاردىن رىۋايەتقىلىنغان، سۇپيان سۆۋرى، ئەبۇ ھەنىپە قاتارلىقئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. [“نەيلۇلئەۋتار ناملىق ئەسەر3-توم 355-بەت”].

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىنرىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامروزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتەيەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىرئېيتاتتى. [ئەبۇ داۋۇدرىۋايىتى 1149-ھەدىس. شەيخئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇداۋۇدنىڭ سەھىھھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭقارىشىدۇر.

ئىبنىئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيتنامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر،ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتاتتى. بۇ ھەدىس بىر قانچە يوللار بىلەنبايان قىلىنغان. ئەمما ساھابىلار (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھېيتنامىزىدا ئېيتىلىدىغان تەكبىرنىڭ سانى توغرىسىدا چوڭ ئىختىلاپقىلىشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلارمۇشۇنداق ئىختىلاپ قىلىشقان”. [“ئەتتەمھىيد” ناملىق ئەسەر16-توم 37-39-بەتكە قارالسۇن].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشمەك ئۈچۈن، 36491– نومۇرلۇقسوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى:بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپ يوللۇق ئىختىلاپ بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارئىنكار قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ساھابىلاردىن، مۇجتەھىدئالىملاردىن بولغان ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىنى تۇتقانتۇرسا قانداق ئىنكار قىلىنىدۇ؟. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھېيت نامىزىدىكى ئارتۇقتەكبىرلەر توغرىسىدا ساھابىلاردىن بايان قىلىغان ھەرقانداق ئەسەرنىتۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۈچلاندۇرۇپمۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭساھابىلىرى ھېيت نامىزىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى،ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەلقىلىش دۇرۇس بولىدۇ”. [“ئەلفۇرۇئ”ناملىق ئەسەر 3-توم201-بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتتە يەتتەتەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتىلىدۇدېگەن قاراشنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: لېكىنبۇنىڭ ئەكسىچە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان بويىچە،بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە بەشتىن تەكبىرئېيتسىمۇ بولىدۇ، ياكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتەيەتتىدىن تەكبىر ئېيتسىمۇ بولىدۇ. ئىمامئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيتنامىزىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭسۆزىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش دۇرۇسبولىدۇ.يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا بۇ مەسىلىدەكەڭرىچىلىك بار بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلاردىن باشقايەنە ساھابىلاردىن نەقىلقىلىنغان ئەسەرلەر بويىچە ئەمەل قىلسا توغرا بولىدۇ.بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىبىلدۈرىدۇ.ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا: سەلەپ ئالىملىرى بىر مەسىلىدەئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى كەسكىن ئايرىيدىغاندەلىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەلقىلىنىدۇ، چۈنكى ساھابىلەرنىڭ سۆزىگە ھۆرمەتقىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆزى باشقىلارنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈنبولىدۇ.

ئىمامئەھمەد رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداقدەيدۇ: تۈرلۈك قاراشلارنىڭ بىرىنى چەكلەيدىغانئوچۇق دەلىل بولمىسا، بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىكبولىدۇ.

ھەقىقەتەنئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ تۇتقان يولىئۈممەتنىبىرلىككە كەلتۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بىرلەشتۈرىدىغانيولدۇر، چۈنكىبەزى كىشىلەر كۆز-قاراش ئوخشاش بولمىغان ئېجتىھادتىكى ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىئۈممەتنىبۆلۈۋىتىدىغان ۋەئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەپ قىلىدۇ. ھەتتا ئۆزى خاتا قاراشتابولغان ئىشنىڭ سەۋەبىدىن ئۆز قېرىندىشىنىڭمۇ ئېزىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

بۇئىش مۇشۇ ئەسىردە كەڭ تارقالغان بالا-مۇسىبەتبولۇپ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئويغىنىشىدىن ياخشى نەتىجىلەرنىكۈتىمىز، بۇ ئويغىنىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇبولۇپ، بەزى ئىختىلاپى مەسىلىلەر سەۋەبىدىنگۇرۇھۋازلىق، بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ،كەسكىن دەلىل بولمىغان ئىجتىھادى مەسىلىلەردە قېرىندىشىبىلەن كۆز قارىشى ئوخشاش چىقمىسا، قېرىندىشىدىن يىراقلىشىدۇ،ئازار قىلىدۇ، ئەيىبلەيدۇ، بۇ چوڭ مۇسىبەتبولۇپ،دىندۈشمەنلىرى بۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ. ئوچۇقدەلىل بولمىغان ئىجتىھادى مەسىلىلەردە ئۆز قېرىندىشىنىڭپىكرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. قېرىنداشلار ئارىسىدا تىنچ-پايدىلىقبولغان مۇنازىرە ئىلىپ بېرىلسا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

ئىمامئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ: سەلەپئالىملىرى بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان بولسا، بۇ مەسىلىنى كەسكىنئايرىيدىغان دەلىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەلقىلىنىدۇ، دېگەن توغرا قارىشىغا ئاللاھ تائالا ياخشى مۇكاپات ئاتاقىلسۇن. [“ئەششەرھۇلمۇمتىئ 5-توم 135-138-بەت].

يۇقىرىقىدەلىللەرگە كۆرە، گەرچە ھېيت نامىزىنىڭبىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتەبەش تەكبىر ئېيتىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىنبۇنىڭدىن باشقا ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەربويىچە ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئۈچىنچى:زۆرۈر بولغىنى، قەلىبلەرنى بىرلەشتۈرۈشۋە ئۈممەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك، بۇدىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسىدۇر. تەرك ئېتىلسە گۇناھبولمايدىغان سۈننەت-مۇستەھەپ مەسىلىلەرسەۋەبىدىن دىننىڭ ئاساسىنى بۇزۇش، ئۈممەتنىپارچىلاش توغرا بولمايدۇ.

شۇنىڭئۈچۈن كۆز قاراشلارنىڭ كۈچلۈك ۋەسۈننەتكە يېقىن بولغانلىرىغا يېتىشئۈچۈن تېنچ سۆھبەتلىشىش، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە مۇنازىرەقىلىش چەكلەنمەيدۇ.ئەممامەسىلىدە بىرلىككە كىلەلمىگەندە، ھەر بىرتەرەپ ئۆز قارىشىنى توغرا، سۈننەتكە يېقىندەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا، ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋەمەزھەپ ئىماملىرىدىن ئەڭ دەسلەپتەبۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارغا ئەگىشىش كېرەك.بىر شەھەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بىر نامازنىبىر ئىمامغا ئەگىشىپ بىرلىكتە ئوقۇشى، بۆلۈنۈپكەتمەسلىكى لازىم، بۆلۈنۈپ كېتىش شەيتاندىنبولۇپ، بۇ سەۋەبلىك دىندۈشمەنلىرى خۇرسەن بولىدۇ.

12585 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغاندەك،ئىمام نامازدا بىر ھەرىكەتنى قىلسا، بۇ ئىش ئىمامغا ئەگىشىپناماز ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىدا يولغا قۇيۇلمىغان ئىش دەپقارالغان بولسىمۇ، بۇ ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن بولسا، ئۇكىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشى زۆرۈر بولىدۇ.

مەسىلەن:تەكبىر مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشقانلار، ئابدۇللاھ ئىبنىمەسئۇد ياكى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ياكى ئەبىمەسئۇد ئەنسارىي قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ بىرىگەئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر ۋەئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇپبەرسە ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار قانداق قىلار؟!… ئۇلارئۈممەتنىڭئالىملىرى، قەلبى ساغلام، ئىلمى كۆپ بولغان بۇ ساھابىلارغا ئەگىشىپناماز ئوقۇشنى تەرك قىلارمۇ؟!.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android