0 / 0

ئېگىز بىنالاردا تۇرىدىغان كىشىلەر قانداق ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدۇ؟

سوئال: 220838

دۇبەيدىكى ئېگىزلىكى 160 قەۋەت كىلىدىغان خەلىپە قەسرىسىدە تۇرىغان كىشىلەر شەھەردە شام نامىزىغا ئەزەن ئوقۇلغاندا ئىپتار قىلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرىبولسۇن.

1-ئىسلامشەرىئىتى روزىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئوچۇقئالامەتنى مۇئەييەنلەشتۇردى. ئۇبولسىمۇ؛ قۇياشنىڭ ئۇپۇق ئارقىسىغا يوشۇرىنىشىدىنئىبارەتتۇر. قۇياش غايىپ بولىدىكەن روزاتۇتقۇچى ئۈچۈن ئىپتار قىلىش دۇرۇسبولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُالْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكىتاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭيورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىنكەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار.[سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

110407-نومۇرلۇق سوئالنىڭجاۋابىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۈننىڭئولتۇرۇشى بىلەن كېچىنىڭ ئاۋۋالقىقىسمى باشلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: كېچەشەرق تەرەپتىن يۈزلەنسە، كۈندۈزغەرب تەرەپكە يۈزلەنسە، كۈنپاتسا، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ. [بۇخارىرىۋايىتى 1954-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1100-ھەدىس].

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۈنتولۇق ئولتۇرغاندا روزىنىڭ ۋاقتىئاخىرلىشىدۇ”. [“ئەلمەجمۇ شەرھىمۇھەززەب” ناملىق ئەسەر 6-توم 304-بەت].

كۈنئولتۇرۇش دېگەندىن: قۇياش دائىرىسىنىڭتولۇق چۈشۈپ غايىب بولىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئوپۇقتاقالغان قىزىللىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، قۇياش دائىرىسى تولۇقغايىب بولغاندا، ئىپتار قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ھاپىزئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “بۇ ھەدىس، قۇياش دائىرىسىنىڭ غايىببولۇشى بىلەنلا شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىدىغانلىقى، روزاتۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئىپتار قىلىدىغانلىقىغادەلىلدۇر. بۇ قاراشنى ئىبنى مۇنزىر ۋە باشقائالىملار ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدەپ بايان قىلغان. ھەنبەلى، شافىئىي ۋە باشقامەزھەب ئالىملىرى: “قۇياش دائىرىسىنىڭ كۆزدىنغايىپ بولۇشى بىلەن، ئاسماندا قالغان قىزىللىق ئېتىبارغائېلىنمايدۇ، دەيدۇ”. [“پەتھۇل بارى4-توم 352-بەت].

شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “قۇياش دائىرىسى غايىپ بولغاندا روزاتۇتقۇچىلار ئىپتار قىلىدۇ، چەكلەنگەنۋاقىت يوق بولىدۇ، ئاسماندا قالغان قىزىللىقنىڭ مەزكۇرھۆكۈمگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ”. [شەرھىئۇمدەتۇل پىقھى 169-بەت].

2- ھەممەيلەنگە مەلۇم،قۇياشنىڭ غايىپ بولىشى بىر ئورۇن بىلەن يەنەبىر ئورۇندا، بىر شەھەر بىلەن يەنە بىرشەھەردە ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بىريۇرتتىمۇ ئېگىز ئورۇندا تۇرغان كىشىلەربىلەن چوڭقۇر ئورۇندا تۇرغانلارغانىسبەتەن قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى ئوخشاشبولمايدۇ. ئىسلام شەرىئىتى ئىپتار قىلىشنى قۇياشنىڭ غايىپبولىشىغا ئالاقىدار قىلىپ قويدى، كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتاھەر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى تۇرغان ئورۇنھېسابى بويىچە ھۆكۈم بېرىلىدۇ، ئۆزىتۇرغان ئورۇندا قۇياش غايىپ بولغاندا ئىپتار قىلىدۇ، بۇۋاقىتتا باشقا جايدا قۇياش غايىپ بولسۇن ياكى غايىپبولمىسۇن بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ.

ئېگىزبىنادا تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە، پەستەتۇرىۋاتقان كىشىلەر قۇياش غايىپ بولدى دەپ ئىپتارقىلسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى قۇياشنىڭ غايىپ بولغانلىقىنىئېنىق كۆرمىگىچە ئىپتار قىلمايدۇ.

ھەنەفىيئالىملىرىدىن بولغان پەخرىدىن زەيلەئىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”رىۋايەت قىلىنىشچە، “ئەلمۇختەسەر” ناملىق ئەسەرنىڭمۇسەننىپى پىقھى ئالىم ئەبۇ مۇسائەددەرىرى رەھىمەھۇللاھ ئىسكەندىرىيىگەكەلگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭدىن كىشىلەر:ئىسكەندەرىيە مونارىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەر،شەھەردىكىلەر ئۈچۈن قۇياش ئولتۇرۇپخىلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قۇياشنى كۆرۈپتۇرىدۇ، ئۇلارمۇ ئىپتار قىلسا بولامدۇ؟ دەپسورىغاندا، ئۇ كىشى: “ياق شەھەردەتۇرۇۋاتقانلار ئىپتار قىلىدۇ، مۇنارداتۇرۇۋاتقانلار ئىپتار قىلمايدۇ، چۈنكى ھەرئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغاكۆرە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، دېگەن”. [“تەبيىنىلھەقائىق”1 -توم 321-بەت].

ئىبنىئابىدىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەيزىلقەدىرنىڭ مۇسەننىپى مۇنداق دېگەن: ئىسكەندەرىيەمۇنارىغا ئوخشاش ئېگىز جايدا تۇرىدىغان كىشىلەرئۆزلىرى تۇرغان جايدا قۇياش غايىپ بولمىغىچە ئىپتارقىلمايدۇ، ئەمما شەھەردىكى كىشىلەرقۇياشنىڭ غايىب بولغانلىقىنى كۆرسە ئۇلار ئىپتارقىلىدۇ، شۇنىڭدەك بامدات نامىزى ياكىسوھۇرلۇق ئۈچۈن ھەر قايسى جايدا تاڭنىڭيورىغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ”. [“ھاشىيەتىئىبنى ئابىدىين”2 -توم 420-بەت].

مۇھەممەدئەنۋەر شاھ كەشمىرى رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “پىقھى كىتابلىرىدا، بىرلا ۋاقىتتا،ئىككى ئادەمنىڭ بىرى ئېگىز مۇنارنىڭئۈستىدە قۇياشنى كۆرگەن بولسا، يەنەبىرى يەردە تۇرۇپ قۇياشنى كۆرمىگەنبولسا، قۇياشنى كۆرمىگەن كىشى ئىپتار قىلسا دۇرۇسبولىدۇ، قۇياشنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئىپتار قىلىشىتوغرا بولمايدۇ، دەپ بايان قىلىنغان”. [“پەيزۇلبارى 3-توم 355-بەت].

دائىمىيكومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 297-بەتتە: “ھەربىر روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئۆزىتۇرىۋاتقان ئورۇننىڭ ھېسابى بويىچەھۆكۈم بېرىلىدۇ، زېمىندا بولسازېمىننىڭ، ھاۋادا (ئايروپىلاندا) بولسا تۇرغانجايىنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “تاغ ئۈستىدە ياكى چوڭقۇرئويمانلاردا ياكى ئېگىز قەلئە-مۇنارلارداتۇرىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر بىرىنىڭھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرغان يېرىدە قۇياشغايىپ بولغان كىشىلەر ئىپتار قىلسا بولىدۇ، غايىپ بولمىغانكىشىلەر ئىپتار قىلسا بولمايدۇ.” [شەرھىل مۇمتىئ6-توم 398-بەت].

يەنە مۇنداقدەيدۇ: “مۇئەززىن ئەزەن ئوقۇغانۋاقىتتا ئېگىز جايدا تۇرۇپ قۇياشنىكۆرگەن ئادەم ئىپتار قىلمايدۇ.” [“ئايلىقئۇچرىشىش”41-سان 22-بەت].

شۇنىڭدەكئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارمۇ قۇياشنىڭ غايىپبولغانلىقىنى كۆرگەندە ئاندىن ئىپتار قىلىدۇ.

دائىمىيكومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: روزاتۇتقان كىشى ئايرۇپىلاندا بولسا، سائەت ياكى تېلېفۇنئارقىلىق ئايرۇپىلان يېقىنلاشقان شەھەردە ئىپتارقىلغانلىقىنى بىلسە ئەمما ئۇلار ئېگىزئۇچۇۋاتقانلىغى ئۈچۈنئايروپىلاندا قۇياشنىكۆرسە، ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلمايدۇ. چۈنكىبۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:” وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُالْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكىتاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭيورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىنكەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار.[سۈرە بەقەرە 187-ئايەت]. قۇياشنىكۆرۈپ تۇرغان كىشى ئۈچۈن بۇ غايەئەمەلىيلەشمىگەن بولىدۇ.” [دائىمىي كومىتېتپەتىۋاسى 10-توم 137-بەت].

شەيخئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىز رامىزانداسەپەر قىلساق، سەپەر جەريانىدا روزا تۇتساق،كەچ كىرگەندە بىز ئۈستىدىن ئۆچۈپئۆتكەن يۇرتنىڭ ۋاقتى بويىچە ئىپتارقىلىمىزمۇ ياكى بىز ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپقۇياشنىڭ دائىرىسى كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىنئىپتار قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپبېرىپ مۇنداق دېگەن: “قۇياشنىڭ غايىپبولغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئىپتار قىلىسىلەر. چۈنكىبۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: كېچەبۇ تەرەپتىن يۈزلەنگەندە، قۇياشغايىپ بولغاندا روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ. [بۇخارىرىۋايىتى]. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھپەتىۋالار توپلىمى 15-توم 437-بەت. بۇ ھەقتەتەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، 106475– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سۆزىمىزنىڭخۇلاسىسى: ئېگىز بىنا ۋە قەلئەلەردەتۇرىدىغان كىشىلەر قۇياشنىڭ غايىپ بولىشىدا، ئۆزىتۇرغان جاي بىلەن يەردە تۇرغانكىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىدىغانپەرقلەرگە رېئايە قىلىشى كېرەك.

دۈبەيئىسلام ئىشلىرى پەتىۋا ئىدارىسى بۇ ھەقتەمۇنداق بايان قىلىدۇ: ” 160 قەۋەتتىنشەكىللەنگەن خەلىپە مونارىدا تۇرىدىغانكىشىلەر رامزاندا يەردە تۇرىدىغان كىشىلەردىنئىپتارنى كېيىنرەك قىلىشى كېرەك،80-قەۋەتتىن 150-قەۋەتكىچە بولغانئارىلىقتا تۇرىدىغانلار ئىپتارنى شام نامىزىغا ئەزەن چىقىپئىككى مىنۇتتىن كېيىنقىلىشىكېرەك، 150-قەۋەتنىڭ ئۈستىدىكىلەرشام نامىزىنىڭ ئەزىنىدىن ئۈچ مىنۇت كىيىن ئىپتار قىلىشىكېرەك، خۇپتەننىڭ ۋاقتىمۇ يەردىكىلەردىن ئۈچ مىنۇت پەرق قىلىدۇ،80-قەۋەتنىڭ تۆۋىنىدەتۇرىدىغانلار بولسا يەردىكى مەسچىتلەردە ئەزانئوقۇلغاندا ئىپتار قىلسا بولىدۇ”. تۆۋەندىكىئۇلىنىشتىن مەزكۇر جاۋابنىڭ تەپسىلاتىنىكۆرۈڭلار.

http://www.emaratalyoum.com/local-section/other/2011-08-06-1.414355

ياكىhttp://www.aleqt.com/2011/08/06/article_566738.html

ئاللاھتائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android