ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
3,68229/رمضان/1433 , 17/ئاۋغۇست/2012

قىز-خانىملار رامىزاندا دورا ئىشلىتىپ ئايلىق ئادىتىنى قەستەن كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟

سوئال: 156110

مەن "ئاياللىق تۇخۇمدانچىسى بالدۇر بۇزۇلۇش" دېگەن كېسەلگە دۇچار بولدۇم، يەنى ئايلىق ئادەت ئىختىيارى كەلمەستىن دورا ئىشلىتىش ئارقىلىقلا كېلىدۇ. رامىزاندا ئايلىق ئادىتىمنى دورا ئارقىلىق كەلتۈرسەم توغرا بولامدۇ؟شۇنىڭدەك ئايلىق ئادىتىمنى كەلتۈرمەسلىككىمۇ ئىمكانىيەت بار چۈنكى ئىختىيارلىق مېنىڭ قولۇمدا. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: ئايال كىشى ئايلىق ئادەتنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن دورا ئېچىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك ئايلىق ئادىتى پەقەت دورا ئېچىش ئارقىلىقلا كەلسە ياكى ئادەتتىكى ئاياللاردەك نورمال تەرتىپ بىلەن كەلمىسە، ئىشلەتكەن دورىسى شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن ۋە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولسا، ئايلىق ئادەتنى دورا ئارقىلىق كەلتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ.

دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن ھەيز كەلسە، ئۇ ئايال نورمال ھالەتتە ھەيز كۆرىدىغان ئاياللارغا ئوخشاش ھەيزدارلىق مۇددىتىدە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەيز كۆرۈش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىپ ھەيز كۆرگەن بولسا ئۇ ئايال ساقايغاندا نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا ۋە نىپاسدار بولۇپ قالغان بولسا، نىپاسدارلىق مۇددىتى ئىچىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ". [ئەل مەجمۇئ 310].

ئىككىنچى: ئايال كىشى رامىزاندا روزا تۇتماسلىق نېيىتىدە رامىزاندا ياكى رامىزان ئېيى يېقىنلاشقاندا بۇنداق دورىلارنى قەستەن ئىستىمال قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئىمام مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى ئايلىق ئادىتىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن دورا ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ، شەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە"ئەلپۇرۇئ" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، پەقەت رامىزاندا ياكى رامىزان ئېيى يېقىنلاشقاندا روزا تۇتماسلىقنى مەقسەت قىلىپ، ھەيز كەلتۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولمايدۇ".

ئىمام مەرداۋىي: بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [ئەلئىنساپ 1-توم 273- بەت، ئەلپۇرۇئ 1-توم 393- بەت،پەتاۋا ئەلكۇبرا 5- توم 315-بەت.

شەيخ مەنسۇر بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى ئۈچۈن ھەيزنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇرۇس بولغان دورىلارنى ئىستىمال قېلىش توغرا بولىدۇ. رامىزان يېقىنلاشقاندا رامىزاندا روزا تۇتماسلىق ئۈچۈن سەپەر قىلىش توغرا بولمىغانغا ئوخشاش، رامىزان يېقىنلاشقاندا رامىزاندا روزا تۇتماسلىقنى مەقسەت قىلىپ ھەيز كەلتۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولمايدۇ".

[كەشفۇل قەننائ 1- توم 218-بەت].

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android

Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

answer
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

New List

قىز-خانىملار رامىزاندا دورا ئىشلىتىپ ئايلىق ئادىتىنى قەستەن كەلتۈرسە توغرا بولامدۇ؟ - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ