0 / 0
4,71307/06/2013

شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى سىتېۋېلىش دۇرۇسمۇ؟

سوئال: 144270

شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن پۇتبول، ۋالىبول ۋە ۋاسكىتبول قاتارلىق توپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئوينىسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

پۇتبولياكى ۋالىبول قاتارلىق نەرسىلەرچوقۇم ئاشلانغان تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. چۈنكى تىرەئاشلاش ئارقىلىقپاكىزەبولىدۇ، شۇ ئارقىلىق تىرىنىڭ نەملىكى ۋەئۇنىڭدىكى ھەر خىل پۇراقلار يوقىلىدۇ.

ئۇنىڭھۆكمىنى بىلمەكچى بولغان كىشى، ئۇ نەرسىلەرنى سىتېۋېلىشتىنئىلگىرىئۇنىڭ قايسىھايۋاننىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىشىكېرەك. يەنى ئۇ گۆشىنى يىگىلىبولىدىغان ھايۋانمۇ ياكىگۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانمۇ بۇنى بىلىشكېرەك.

1-ئۇ نەرسىلەركالا-قويغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغانھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۇتۈردىكى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەنپاكىزەبولىدۇ. ئەگەر ئۇ ھايۋانلارشەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا بوغۇزلانغان بولسائىدى، تېرىسىنى ئاشلىمىسىمۇئىشلەتكىلىبولاتتى. ئەمما شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغانۋە مەلۇم سەۋەبلەرتۈپەيلى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆزىئۆلۈپ قالغان گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭتېرىسىدىن ئاشلاش ئارقىلىق پايدىلىنىش مۇمكىن.

2-ئەگەر ئۇ نەرسىلەرچوشقىغا ئوخشاش گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭتېرىسىدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ تېرىسىئاشلانغان تەقدىردىمۇ پاكىزە بولمايدۇ. بۇ ئىمامئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ كۆزقارىشىبولۇپ،ئىمام ئەۋزائىي،ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەبى سەۋر، ئىسھاقئىبنى راھۇۋەيھى قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇسۆزنى ئېتىبارلىق دەپ قارايدۇ. شەيخۇل ئىسلامئىبنى تەيمىينىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ئىككى خىل كۆزقارىشىنىڭ بىرسى بۇدۇر. نەۋەۋىنىڭشەرھى مۇسلىم ناملىق ئەسىرى 4-توم 54-بەتتە،بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەزھەبلەردىكىيەتتە تۈرلۈككۆزقاراشنى بايان قىلغان. شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئىبنىمۇپلىھنىڭ ئەل پۇرۇئناملىق ئەسىرى 1-توم 102-بەتتە، شەيخۇل ئىسلامئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالار توپلىمى ناملىقئەسىرى 21-توم 95-بەتتە بايانقىلىنغان.

يېڭىئەسىردىكى كۆپلىگەن ئالىملارمۇ يۇقىرىدىكىكۆز قاراشنى تاللىغان.

شەيخمۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداقدېگەن: “بوغۇزلاشبىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاشبىلەن پاكىزە بولىدۇ. بوغۇزلاش بىلەن ھالالبولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇپاكىزە بولمايدۇ. مانا بۇ ئالىملارنىڭ ئەڭكۈچلۈك قارىشى. يۇقىرىقى كۆزقاراشقا ئاساسەنمۈشۈك ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان كىچىكھايۋانلارنىڭ تېرىسىمۇ ئاشلاش بىلەن پاكىزەبولمايدۇ”.

ئاساسلىقھۆكۈم: ھايات ۋاقتىدا پاكىزە بولغانھايۋاننىڭ تېرىسى،ئاشلانغاندىنكىيىنقۇرۇق نەرسەئۈچۈن ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ. بۇھەقتە ئۈچ خىل قاراش بولۇپ، بىرىنچى قاراشتا:ئاشلانسىمۇ پاكىزە بولمايدۇ. ئىككىنچى قاراشتا: پاكىزەبولىدۇ. ئۈچىنچى قاراشتا:ئۆلگەنبۇ ھايۋان بوغۇزلانسا پاكىزە بولىدىغانھايۋانلاردىن بولسا، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنپاكىزە بولىدۇ.

بۇ مەسىلىدىكىئەڭ كۈچلۈك قاراش، ئۈچىنچى قاراشتۇر.ئۇلارنىڭ دەلىلى بەزى ھەدىسلەردە:ئۇنىڭ ئاشلىنىشى بوغۇزلىنىشىدۇردېگەن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ئىمامنەسائىي 4243-ھەدىستە،ئىمام ئىبنى ھەجەر “ئەتتەلخىسئەلھۇبەير” ناملىقئەسىرى 1- توم 49- بەتتە سەھىھ دېگەن.بۇ ھەدىستەبوغۇزلاش بىلەندېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ،ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەقەتيېيىش مۇمكىن بولىدىغان ھايۋانلارلا بوغۇزلاش بىلەنپاكىزە بولىدۇ.

مانا بۇقائىدىگە ئاساسەن دەيمىزكى، گۆشىيېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىگەرچە ئۇ ھايۋانلار ھايات ۋاقتىدا پاكىزەبولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇپاكىزە بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى: ھايۋاننى ھاياتۋاقتىدا پاكىزە دېيىشىمىز: ئىنسانئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغانھايۋانلار.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتەمۇنداق دەيدۇ: بۇ سىلەرنىڭئەتراپىڭلارنىئايلىنىپيۈرۈيدىغان ھايۋانلار (بۇيەردە مۈشۈككۆزدەتۇتۇلىدۇ).[تىرمىزىي92-، ئەبۇ داۋۇد 75-،نەسائىي67-، ئىبنى ماجە368- نومۇرلۇق ھەدىسلەردەرىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىي، تىرمىزىي، دارى قۇتنىيۋە ئۇقەيلىي قاتارلىقلار سەھىھ دەپ قارىغان].

ئىمامئىبنى ھەجەر “ئەتتەلخىسئەلھۇبەير” ناملىقئەسىرى 1-توم 41-بەتتە “بۇنىڭپاكلىق ئىللىتى ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن يوقىلىدۇدېگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئەسلىدە نىجىسبولغان نەرسە كېيىن ئاشلانغان تەقدىردىمۇپاكىزە بولمايدۇ” دەپبايان قىلىدۇ.

شۇنىڭغائاساسەن بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈككۆزقاراش: مەلۇم سەۋەبلەرتۇپەيلى ئۆلگەنگۆشىيېيىلىدىغانھەرقانداقھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزەبولىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيەنىڭ بىر قارىشىدۇر.شۇنىڭدەكئۇنىڭيەنە بىر سۆزى، “ھاياتۋاقتىدا پاكىزە بولغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاشبىلەن پاكىزە بولىدۇ”دېگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئۇيغۇنكېلىدۇ.[ئەششەرھىئەلمۇمتىئ1-توم74-75-بەتلەر].

سۆزنىڭخۇلاسىسى:

سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىزگۆشىنى يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭتېرىسىدىن ئىشلەنگەن پۇتبول، ۋالىبولۋە ۋاسكىتبول قاتارلىق نەرسىلەرنىسېتىۋېلىپ ئوينىسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.گەرچە بۇ ھايۋانلار شەرئىي يوللار بىلەنبوغۇزلانمىغان ياكىئۆلتۈرۈشتىنبۇرۇن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانبولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەن پاكىزەبولىدۇ.زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇئەنھۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەقتە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئۆزىئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنپاكىزە بولىدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەببان 1290-،دارىيقۇتنىي25- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە بايان قىلغان. شەيخئەلبانىي سەھىھ دېگەن].

ئاللاھھەممىدىن ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android