iconئىئائە
ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
1,04206/جمادى الأولى/1444 , 30/نويابىر/2022

ئايال ئۆي ئىچىدە چېچىنى بوغماي قويۇۋەتسە ئايالنىڭ چېچىنى شەيتان ئوينايدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

سوئال: 143815

   مەن بەزى كىشىلەرنىڭ: ئايال كىشى ھەر ۋاقىت ھەر يەردە ھەتتا ئۆيىدىمۇ يالغۇز بولسىمۇ چېچىنى بوغماي قويۇۋەتسە توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئايال چېچىنى بۇغمىغان ۋاقىتتا شەيتان ئۇنىڭ چېچىنى ئوينايدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، بۇ توغرا سۆزمۇ؟ مەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن بىرى چېچىمنى بوغىۋالىمەن، ھەتتا يۇيۇنۇپ چىققاندا ھۆل بولسىمۇ بوغىۋالىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئايال مەھرەملىرى ۋە باشقا ئاياللار بار ئورۇنلاردا ۋە ئۆيىدە بولسا چېچىنى ئورىمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق بولغان مەسىلە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاياللار شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

    ئەمما ئايال ئۆيدە بولسىمۇ چېچىنى بوغماي ئوچۇق قويسا ئۇنىڭ چېچىنى شەيتان ئوينايدۇ دېگەن سۆز ئاساسىي بولمىغان، ھەدىستە ۋە ئەسەردە بايان قىلىنمىغان يالغان سۆزدىن ئىبارەت. بۇنداق يالغان سۆزلەرنى قىلىش، كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىش ۋە يۆتكەش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولً)‏ تەرجىمىسى: «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ.» [سۈرە ئىسرا 36-ئايەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئەزان ئوقۇلغاندا ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىدە ياكى خوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە، مەھرەملىرى ۋە ئاياللار ئارىسىدا چېچى ئوچۇق ھالەتتە بولىشى چەكلىنەمدۇ؟ بۇنداق ھالەتتە بولسا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغىچە پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا لەنەت قىلامدۇ؟. دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ توغرا سۆز ئەمەس، قىز-خانىملار يات كىشىلەر كۆرمەيدىغان ئورۇندا بولسا مۇئەززىن ئەزان ئوقۇۋاتقاندا بولامدۇ ياكى باشقا ۋاقىتتا بولامدۇ چېچىنى ئوچۇق قويسا بولىدۇ، ئۇ يەردە يات كىشى بولمىغاندىن كېيىن، ئەمما نامازغا تۇرىدىغاندا، يۈزىدىن باشقا ھەممە يېرىنى ئورايدۇ، كۆپچىلىك ئالىملار ئىككى ئالقىنى بىلەن ئىككى قەدىمىنى ئوچۇق قويسىمۇ بولىدۇ دېگەن، لېكىن ئېھتىياتەن ياپسا ياخشى بولىدۇ، لېكىن ئەتراپىدا يات ئەرلەر بولمىسا يۈزىنى ئېچىۋەتسە بولىدۇ، يات ئەرلەر بولۇپ قالسا، يۈزىنىمۇ ياپىدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئېرى ۋە مەھرەملىرىدىن باشقا يات ئەرلەرنىڭ يېنىدا يۈزىنى ئېچىشى توغرا بولمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلىرى توپلىمى"12-توم 202-بەت].  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
GlobalGreenIconتىلنى ئۆزگەرتىش

downloadئىنتىرنىتقا ئۇلانماغلىق

    چۈشۈرگىلى بولىدىغان تىللار

      تىل ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرەمسىز؟

      Wasl

      شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش ۋەدىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بىز سىزگە مەلۇماتلىرىڭىزنى بىخەتەر باشقۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 'سىجىل' قورالىنى تەقدىم قىلىمىز.

      Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

      answer
      ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
      ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

      New List

      ئايال ئۆي ئىچىدە چېچىنى بوغماي قويۇۋەتسە ئايالنىڭ چېچىنى شەيتان ئوينايدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ