0 / 0

سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان بىر ياشنىڭ دادىسى شىئە بولۇپ، ئۇنى ھىدايەتتىن توسىدۇ، ئۇنىڭغا قانداق نەسىھەت قىلىش كېرەك؟

سوئال: 142071

مەن ئون بەش ياشقا كىردىم، ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلدىم، مېنىڭ بىردىن-بىر دىن ئۈگىنىش مەنبىيىم سىلەرنىڭ مۇشۇ تور بېتىڭلارغا ئوخشاش ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىكى ئىسلامى تور بەتلىرىدۇر. شۇنداقلا مېنى مەسچىتكە باشلاپ بارىدىغان ئادەممۇ يوق، مەن تۇرغان جاي بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىلىقى بەش مىل كېلىدۇ، ئۇ يەرگە مېڭىپ بېرىش خەتەرلىك، ئۇنىڭدىن سىرت دادام مېنىڭ تور بەتلەرنى كۆرۈشۈمنى چەكلەيدۇ. شۇنداقلا مېنىڭ ئىسلامى تور بەتلىرى ۋە سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلارنى كۆرۈشۈمنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ شىئە، ئۇنىڭ دېيىشچە: سىلەر مېنىڭ مېڭەمنى تازىلايدىكەنسىلەر، دادام مېنى شىئە مەزھىبىنى ئۈگىنىشگە زورلايدۇ، ھەتتا شىئەلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇللىرىمۇ باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىكەن، مەن ھازىر نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ماڭا توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھتائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:ئى جاسارەتلىك يىگىت، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى توغرا يولغامۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ئاللاھ تائالاغامەدھىيە ئېيتىمىز ۋە سىزنى توغرا يولدامۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز. سىزنى بارلىق ياخشىلىققامۇۋەپپەق قىلسۇن.

بىلىشىڭىزكېرەككى، سىز ھازىر كاتتا نېمەت ئىچىدەتۇرۇۋاتىسىز، سىز بۇ نېمەتنىڭباراۋېرىدە ئۆزىڭىزنىڭ پۈتۈنھاياتىڭىز ۋەمال-مۈلكىڭىزنىسەرپ قىلسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىلەمسىز،دۇنيادا سىزنىڭ دادىڭىزغا ئوخشاش مىليونلىغان كىشىلەرئىنسانلارغا ۋە تاشلارغا چوقۇنىۋاتىدۇ؟ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىئۆزگەرتىلگەن، ساھابىلارنىڭ ئازراقىدىن باشقاھەممىسى كاپىر بولغان دەپ ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ئۇلارنىڭ جاھىللىق بىلەن شېرىك ئېتىقادنىجانلاندۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا شېرىكنىڭنۇرغۇن شەكلىنىڭ قېتىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟.

بىزئىنسانلارنى پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىقەدىر-قىممىتىنى قىلىشقا، ساھابىلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىغاتەنە قىلماسلىققا، ساھابىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا ياخشىكۆرۈشكە، ئۇلاردىن رازى بولۇشقا، ئۇلارنىياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھتائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلىشىشقا، بولۇپمۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشىكۆرۈپ-دوست تۇتۇشقا، مەزكۇر مۇھەببەتۋە ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغايېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلىمىز.

ئىككىنچى:سىزنى دادىڭىز بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدامۇنداق نەسىھەت قىلىمىز:

1- كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچەدادىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېرىشىڭ.

2-ئىمكانىيەتنىڭبېرىچە دادىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭ، ھەرگىزسۇسلۇق قىلماڭ، قولىڭىزدىن كىلىدىغان ياردەمنىئايىماڭ.

3-دەرسىڭىزنىياخشى ئوقۇڭ. بۇ ئىشقا سەل قاراشسەۋەبىدىن دىنىڭىزنى زايەقىلىۋەتمەڭ. بىز بۇنى سىزنىڭ يازغانخىتىڭىزدىن چۈشەندۇق. ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەققىلسۇن. دادىڭىز سىزنى بىزنىڭ تور بېتىمىزنىزىيارەت قىلىشتىن چەكلەۋاتىدۇ. ئەمما ئىسلامىتور بەتلەردە كۆپ مەنپەئەتلەربار. ئاللاھ خالىسا تور بەتلىرىنى دەرسلىك قىلىش بىلەندادىڭىزنىڭ ئارزۇسى يوق بولىدۇ، سىزدەرسىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ.شەيتاننىڭ يولىنى ئېتىڭ، دادىڭىز سىزنى خاتائېتىقادتا ئوقۇتۇش ئارقىلىق سىزنى توغرا يولدىن توسۇشنىمەقسەت قىلىدۇ.

4-دادىڭىزنىڭئالدىدا مەنپەئەتلىك بولغان ئىسلامى تور بەتلىرىنىئاشكارا ئاچماڭ. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە پرىنسىپىدامۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئاشكاراقىلماڭ، ئەڭ ياخشىسى سىز دادىڭىز بىلەن ياخشىلىقيوللىرى توغرىسىدا جېدەل-مۇنازىرە قىلماڭ.ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ئىش سىزنى ھىدايەت يولىدىنچەكلىنىشىڭىزگە تۈرتكە بولمىسۇن.

5-دادىڭىزۋە ئائىلە-ئەزالىرىڭىز ئۈچۈن ئاللاھتائالادىن ھىدايەت- توغرا يول ئاتا قىلىشنىتىلەپ دۇئا قىلىڭ، بولۇپمۇ سەجدەقىلغاندا ۋە كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدەدۇئا قىلىشقا بەك ھېرىسمەن بولۇڭ.

6-ئاخىرىداسىزنى دادىڭىزغا ھىكمەت، ئەقىل-پاراسەت بىلەنمۇئامىلە قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز.ئەگەر دادىڭىز شىئە-راپىزىلارنىڭ يولى بويىچەناماز ئوقۇش يولىنى تەلىم بەرسە رەت قىلىشقا قادىربولالمىسىڭىز ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىڭۋە پىكرىگە مۇۋاپىقكەلگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئەمما نامازنىسۈننەتتە بايان قىلىنغان بويىچە توغراشەكىلدە ئادا قىلىڭ. ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ ئىشبەك ئاسان. چۈنكى سىز مەجبۇرلانغۇچىنىڭھۆكمىدە بولىسىز. سىز ھازىر دادىڭىزدىن ئايرىلالمايدىغان بىرياشتا، ئايرىلىپ ياشاش يېشىغا يەتكۈچەسەۋىرچان بولۇڭ. بەلكىم ئۇنىڭغىچەئاللاھ تائالا دادىڭىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاي ياكى سىزئۆز دىنىڭىزنى ساقلاپ دادىڭىزدىن ئايرىلىپ مۇستەقىلياشاش يېشىغا يېتەرسىز. ئاللاھ سىزنى دۇنياۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەرقىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android