0 / 0
3,44917/12/2014

نېمە ئۈچۈن بىز تەقدىرىمىزدە پۈتۈلگەن نەرسىلەرگە ھېساب بېرىمىز؟

سوئال: 11126

ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا پۈتۈلگەن بويىچە بولىدىغان بولسا، بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىدە ئۇ مەلۇم بىر كىشىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسا، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟، ئۇ كىشى مەزكۇر خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەشكە قادىر بولالمايدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ خاتالىققا ئاساسەن جازاغا ئۇچرايدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتىبىلەن ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان تەقدىرگەئىشىنىش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالابارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى بولۇپ،ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلمىدە ئۇلارنىڭيارىتىلغاندىن كىيىن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ياخشىبىلىدۇ. ئاللاھ تائالا شۇنىڭ ئۈچۈنبەندىگە ئىختىيارلىقنى بىرىپ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوللىرىنىكۆرسىتىپ بەردى. كىمكى توغرا ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ پايدىسىئۈچۈن، خاتا ئىش قىلسا ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈنقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ. وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُتەرجىمىسى: كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن،ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىكيامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.»[سۈرە زەلزەلە 7-8-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداقدەيدۇ: وَنَفْسٍوَمَا سَوَّاهَا، فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا، قَدْ أَفْلَحَ مَنزَكَّاهَا، وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّاهَاتەرجىمىسى: روھ بىلەنۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى -يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى، روھىنىپاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەپسىنى(كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەنئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ. [سۈرەشەمس 7-10-ئايەتكىچە].

شۇنىڭ ئۈچۈن بىركىشىنى ئۆلتۈرۈش بولسۇن ياكى باشقا يوللار ئارقىلىقھەقسىز ئازار يەتكۈزۈش ھارامدۇر. كىمكىشۇنداق قىلىدىكەن، دۇنيادىمۇ تىگىشلىك جازاسىنىتارتىدۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ شەرئىيقانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچاربولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ۋەلىيد ئەل پىريان

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android