ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
0 / 0
3,78204/شعبان/1438 , 30/ئاپرېل/2017

نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە توغرىسىدا

سوئال: 105844

كىچىكىپ قايتىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشۇم توغرا بولامدۇ؟ مېنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ، ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشۇم ئۈچۈن دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە 80 كىلو مىتېر بولسا، بۇ پەقەت بېرىشتىكى مۇساپىمۇ ياكى بېرىپ-كېلىشتىكى مۇساپىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى ئەمەللەر يەڭگىللىتىلىدىغان مۇساپە بولسا ھەر يۇرتنىڭ ئادىتىدە سەپەر دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مۇساپە بولۇپ 80 كىلو مىتېر ئەتراپىدا ھېساب قېلىنىدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندا مۇشۇنچىلىك جايغا بېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈن ئايىغىغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسھى قىلىش، ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇش، قەسىر ئوقۇش ۋە رامزاندا روزا تۇتماسلىق قاتارلىق ئىبادەتلەرگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ مۇساپە پەقەت بېرىش ئۈچۈن بولىدۇ.

سەپەر قىلغان كىشى ئۆزى بارغان يۇرتتا ھەنبەلى مەزھەپ قارىشى بويىچە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى(ھەنەفى مەزھەپ قارىشى بويىچە 15 كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى) مەقسەت قىلسا، مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز تۇرسا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە سەپەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

سەپەر قىلغان كىشى ئۆزى بارغان يۇرتتا ئۆزىنىڭ قانچىلىك تۇرۇشىنى، ئىشىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمىسە، گەرچە ئۇ كىشى ئۇ يۇرتتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسىمۇ سەپەر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن سىز بارىدىغان جاينىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە 80 كىلو مىتىردىن قىسقا بولماسلىقى كېرەك، شۇنىڭدەك سىز بارغان جايدا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسىڭىز نامازنى تولۇق ئادا قىلىسىز.

ئىككى نامازنى يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنداق قىلىش مۇساپىر كىشىگە دۇرۇس بولىدۇ، سەپەر قىلمىغان مۇقىم كىشى ئۈچۈنمۇ كېسەللىك ياكى ئالاھىدە مۇھىم ئىشلار يەنى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىۋاتقان، دوختۇر ئوپېراتسىيە ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغانلىق سەۋەبىدىن ھەر نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش قىيىن بولسا ئۇلارنىڭمۇ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇشى دۇرۇس بولىدۇ.

تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 97844 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
GlobalGreenIconتىلنى ئۆزگەرتىش

downloadئىنتىرنىتقا ئۇلانماغلىق

    چۈشۈرگىلى بولىدىغان تىللار

      تىل ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرەمسىز؟

      Wasl

      شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش ۋەدىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ۋە ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، بىز سىزگە مەلۇماتلىرىڭىزنى بىخەتەر باشقۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 'سىجىل' قورالىنى تەقدىم قىلىمىز.

      Wasl'a başarıyla giriş yaptınız. Şu anda favori öğelerinizi güvenli bir şekilde hesabınıza aktarıyoruz. Bu işlemi tamamlamamız için lütfen bekleyin. Sabrınız için teşekkür ederiz.

      answer
      ئىلگىرىكى ئۇچۇرلار تېپىلدى
      ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تور بېتىدىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى تاپتۇق. بۇلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالامسىز؟

      New List

      نامازنى قەسىر قىلىپ ئۇقۇش دۇرۇس بولىدىغان مۇساپە توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ