0 / 0

چوڭ ۋە كېچىك جىھاد توغرىسىدا

سوئال: 10455

چوڭ جىھاد دېگەن نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشمۇ ياكى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەر بىلەن ئەمەلىي جىھاد قىلىشمۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامبىر قېتىملىق غازاتتىن قايتقاندا، ساھابە كىراملارغا: بىز كېچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق،دېۋىدى، ساھابىلار: كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشقېلىشتىنمۇ كاتتا جىھاد بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە، بار،ئۇ بولسىمۇ نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، دېدىدەپ رىۋايەت قېلىنغان بۇ ھەدىسپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قېلىنغانسەھىھ ھەدىس ئەمەس.

ھەقىقەتەننەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشتىنئىلگىرى تۇرىدىغانلىقىدا ھېچ شەك-شۈبھە يوق. ئىنسانئۆز نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلماستىن كاپىرلارغاقارشى جىھاد قىلالمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىتىجاپا-مۇشەققەتنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ توغرىدائاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:كُتِبَ عليكم القِتَالُ وهو كُرْهٌ لَكُمْوعَسَى أن تكرهوا شيئا وهو خيرٌ لكم وعسى أنْ تحبوا شيئا وهو شرٌ لكم والله يعلموأنتم لا تعلمونتەرجىمىسى:سىلەرگە جىھاد پەرزقىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر،سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلارمۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈنپايدىلىقتۇر. سىلەر بىرەر نەرسىنىياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇسىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگەنېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ،سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن)ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار.[سۈرە بەقەرە 216-ئايەت].

دۈشمەنگە قارشى جىھادقىلىش پەقەت نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشنەتىجىسىدە بارلىققا كىلىدىغان بولۇپ، نەپسى جىھادقارازىمەنلىك بىلەن بويسۇنىدىغان ھالەتكەكەلگەندە ئاندىن روياپقا چىقىدۇ. [شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ مىنارۇلئىسلام پەتىۋالىرى2-توم 421-بەت].

ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “جىھادتۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. نەپسى بىلەن جىھادقىلىش. شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش. كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلىش.مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش.

نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشبولسا: نەپسىنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلەشئۈچۈن يېتەرلىك بىلىم ئىلىشقا تىرىشچانلىقكۆرسۈتۈش، تەلىم ئالغاندىن كېيىنئۈگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش، كىشىلەرنىدىنغا چاقىرىش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشيولىدا دۇچ كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋەمۇشەققەتلەرگە سەبىر قىلىش قاتارلىقلاردىنئىبارەتتۇر.

شەيتانغا قارشى جىھاد قىلىش بولسا:شەيتاننىڭ ئىنسانغا تۈرلۈكشەك-شۈبھىلەرنى پەيدا قىلىشىغا، ئىمان ۋەئەقىدىگە زىت بولغان ئىككىلىنىشنى پەيدا قىلىشىغا،نەپسى-شەھۋەت بۇزۇقچىلىققاتۈرتكە بولىدىغان پىتنىلەرگە قارشى تۇرۇشتىنئىبارەتتۇر.

كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلىش بولسا: قەلبى بىلەن، تىلى بىلەن، مىلىبىلەن ۋە نەپسى بىلەن بولىدۇ. كاپىرلارغاقارشى جىھاد ئاساسەن قولى بىلەن بولىدۇ. مۇناپىقلارغاقارشى جىھاد تىلى بىلەن ئاغزاكى، تەشۋىقاتۋە قارشى تۇرۇشۋە رەددىيە بېرىش بىلەن بولىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنەمۇنداق دەيدۇ: تۆت تۈرلۈك جىھادنىتولۇق ئادا قىلغان كىشى ئەڭ مۇكەممەل ئىنسانھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جىھاد قىلىش دەرىجىسىنىڭئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھتائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ.”[زادۇل مەئاد 3-توم 9-12-بەت].

ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android