قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدىكى دەلىللەر ئۇنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىختىلاپ بولۇپ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا مۇستەھەب دېگەن قاراش كۈچلۈكتۇر. شارائىتى بولۇپ تەقۋادارلىق يولىنى تۇتقانلار قۇربانلىق قىلىشنى تەرك قىلمايدۇ، يۇقىرىدا ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلغاندەك قۇربانلىق قىلىش بولسا ئېھتىيات ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىدۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "قۇربانلىق قىلىش ۋە مال بوغۇزلاشنىڭ ھۆكۈملىرى"، ھىسامىدىن ئەپانەنىڭ "قۇربانلىق ھۆكۈملىرىنىڭ تەپسىلاتى" قاتارلىق ئەسەرلىرىگە قارىسۇن. قۇربانلىق مەسىلىلىرى بۇ ئەسەرلەردە چۈشۈنۈشلىك قىلىپ بايان قىلىنغان.
3,048