0 / 0

دادىسى ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇسا دادىسىغا ئىتائەت قېلىشى توغرىمۇ؟

سوئال: 27281

دادام ھاراق ئىچىدۇ، ۋە مىنى ھاراق ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش قامدىغۇچىسى دادام بولغانلىقى ئۇچۇن مەن دادامغا ياق دېيەلمەيمەن، مەن دادام ئۈچۈن ھاراق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئەكىلىپ بەرگەنلىكىم سەبىدىن ھېساب ئېلىنىمەنمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

ئاللاھقاھەمدۇ – سانالار بولسۇن.

ئاللاھسۇبھانەھۇ ۋەتەئالاپەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارغا خەير-ئېھسانۋە  ئىتائەت قىلىشىنى ۋاجىپ قىلدى. ئاللاھ تائالابۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى،سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغاننەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي:سىلەر ئاللاھ قا ھېچ نەرسىنىشېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغاياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنىئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋەسىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋ ە يوشۇرۇنيامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەمئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتەئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھسىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇسۈرە ئەنئام 151-ئايەت .

ئاللاھتائالا ئاتا-ئانىنى قاخشىتىشنى ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا -ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى،ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدابولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنىمالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)،ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەتبىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن سۈرە ئىسرا23-ئايەت.

ئاتا-ئانائاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ياكى گۇناھ-مەسىيەتكە بۇيرۇمىسا ئىتائەت قىلىشۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھقا گۇناھ ئىشلەشبەدىلىگە بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوقتۇر.

ھاراق بولساقۇرئان سۇننەت ۋ ە ئىجمادا ھاراملىقىتەكىتلەنگەن نەرسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر!ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇشئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پالئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىناقىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلارئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك،ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى(ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ سۈرە مائىدە 90-91-ئايەتلەر.

ھاراققادائىر ئون خىل لەنەتنىڭ ئارىسىداسېتىۋالغۇچىمۇ قەيت قىلىنغان. ئەنەسئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراق ياسىغۇچىغا،ياساتقۇچىغا، ئىچكۈچىگە، كۆتۈرگۈچىگە،كۆتۈرگۈزگۇچىگە، ساقىيغا، ساتقۇچىغا، ھاراقسېتىپ تۇرمۇش قامدىغۇچىغا،سېتىۋالغۇچىغا، سېتۋالغۇزغۇچىغالەنەت قىلغان بۇ ھەدىسنى تىرمىزى1259-ھەدىستە، ئىبنى ماجە 3381- ھەدىستەرىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپبېكىتكەن.

ئاخىرىداسىزگە دەيدىغىنىمز شۇكى: سىزنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتقىلىش بەدىلىگە، بەندىگە ئىتائەت قىلىپدادىڭىزغا ھاراق سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىشىڭىز،دادىڭىزنىڭ سىزگە ئاچچىقلىنىشى ھەتتاكى سىزگەبەد دۇئا قىلىشىغا سەۋەپ بولسىمۇدۇرۇس بولمايدۇ . ئۇنىڭئىشلىرى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلاردىنبولۇپ، ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن دۇنيا ۋ ەئاخىرەتتە ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ.

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغانھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ كىمىكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىبەدىلىگە ئنسانلارنى خۇرسەن قىلىدىكەن، ئاللاھئۇنى ئىنسانلارغا تاشلاپ قويىدۇ، كىمكى ئىنسانلارنىڭ نارازىبولۇشىغا قارىماي ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىكۆزلەيدىكەن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغائاللاھ كۇپايە قىلىدۇ بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببانسەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا رىۋايەت قىلغان.شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2311-ھەدىستە سەھىھ دەپ مۇقىملاشتۇرغان.

ئاللاھتائالادىن دادىڭىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيمىز.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android